
«سىز شۈنچە ياش، بارچە كەچمىشلەر تېخى ئالدىڭىزدا ساقلاپ ياتىدۇ. سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى سوراي سۆيۈملۈك ئەپەندى، قەلبىڭىزدىكى ھەل قىلىنمىغان سۇئاللارغا سەۋرچان بولۇڭ. بولسا ئۇلارنى قۇلۇپلانغان ھۇجرىلار ۋە يات يېزىقتىكى كىتابلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا جاۋابقا ئېرىشىشكە ئۇرۇنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ئەمەلىيىتىڭىزدە ياشاپ چىقىشقا قۇربىڭىز يەتمىگەنلىكتىن، جاۋابلار سىزگە تېخى نېسىپ قىلىنمىدى. مۇھىمى، نېمىلا بولمىسۇن، ئۇلارنى ياشنىتىش. سۇئاللىرىڭىزنى ياشنىتىڭ، بەلكىم شۇندىلا سىزمۇ دىققەت قىلمىغان بىر كۈنلەردە، ھايات يولىڭىز سىزنى بارا-بارا جاۋابلارغا باشلايدۇ.»
— رېينىر مارىيا رېلىك («ياش شائىرغا يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابتىن يانۋار تەرجىمىسى)