سوقراتنىڭ تەپەككۇر يولى

ئالەن دى بوتتۇن، ئەنگىلىيەلىك مۇتەپەككۇر يازغۇچى، شىۋېتسارىيەنىڭ سىيۇرىخ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئەنگىلىيە كامبىرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر لوندوندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يازمىلىرىغا «تۇرمۇش پەلسەپىسى» دەپ تەبىر بېرىلگەن بولۇپ، مۇھەببەت، ساياھەت، بىناكارلىق، ئاخبارات ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى قاپلىغان. 
— ئالەن دى بوتتۇن (ئەنگىلىيە) «پەلسەپە تەسەللىسى»ھۈسەيىن تەرجىمىسى


كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغان تەسەللىئالەن دى بوتتۇن (ئەنگىلىيە)

سوقرات 70 ياشقا كىرگەن چاغلىرى بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كىلىشكە باشلىدى، شائىر مىلىتوس، سىياسىيون ئانىتوس ۋە ناتىق لىئون قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئافىنالىق ئۇنى غەلىتە ۋە ناچار ئادەم دەپ قارايتتى. ئۇلار ئۇنى شەھەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ھۆرمەت قىلمىدى، ئافىنانىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى چىرىتتى، ياشلارنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتتى دەپ ئەيىپلىگەنىدى. ھەتتا سوقراتنى مەڭگۈلۈك سۈكۈتتە قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك دېيىشكەنىدى.سوقراتنى سوتلىغان كۈنى، زاسداتېللار ئۆمىكىدە 500 نەپەر پۇقرا بار ئىدى. ئەيىپلىگۈچى بېشىدىلا ئۇلاردىن بۇ پەيلاسوپنى سەمىمىيەتسىز بىر كىشى دەپ قاراشنى تەلەپ قىلدىدە ئەيىپلەشنى باشلىدى. ئۇ (سوقرات) ئاسمان-زېمىن ھەققىدە ئىزدىنىپ، بىدئەت تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆز ئوينىتىش ئارقىلىق ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلتۈرۈشكە ماھىر. ئۇ سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ياشلارنى چىرىتىپ، ئۇلارغا ناچار تەسىر كۆرسەتتى.سوقرات بۇ ئەيىپلەشلەرگە قارىتا ئۆزىنى ئاقلىدى. ئۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتچىغا مۇنداق دېدى: مەن تىرىشپ ھەر بىرىڭلارنى ئەمەلىي مەنپەئەتنى ئازراق ئويلاپ، مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي بەخت-سائادەتنى كۆپرەك ئويلاشقا نەسىھەت قىلىمەن.مېنىڭ سۆيۈملۈك دوستلىرىم، سىلەر دېگەن ئافىنا خەلقى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن جاھانغا مەشھۇر ئۇلۇغ بىر شەھەرگە تەۋە. لېكىن سىلەر نام-مەنپەئەت تالىشىشقا بېرىلىپ، ھەقىقەتنى چۈشىنىش، روھى ئۈستۈنلۈككە قانداق يىتىش ھەققىدە ئويلانمىساڭلار، خىجىللىق ھېس قىلمامسىلەر؟ئەمدى قارار قىلىش نۆۋىتى 500 نەپەر زاسداتېلغا كەلدى. ئۇلار قىسقىلا مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ 220 نەپىرى سوقراتنى گۇناھسىز دەپ قارىغان بولسا، 280 نەپىرى ئۇنى گۇناھكار دەپ قارىدى. پەيلاسوپ ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن نەتىجە پەرىقىنىڭ بۇنچە يېقىن بولىشىنى ئويلىماپتىمەن» دېدى. بىراق ئۇ ئىشەنچىنى يوقاتمىدى، ئىككىلەنمىدى، قىلچە تەمتىرىمىدى؛ تېخى ھازىرلا %56 كۆپ سانلىق كىشى تەرىپىدىن بىمەنە ۋە ساختا دەپ قارالغان پەلسەپەگە بولغان ئىشەنچىدە چىڭ تۇردى.ئەگەر بىزدە بۇنداق بىر ئۆزلۈك بولمىسا، ئەگەر بىز خاراكتىرىمىزگە ياكى نەتىجىمىزگە بولغان قاتتىقراق بىرەر تەنقىدنى ئاڭلاپلا ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىمىزنى تۇتالمىساق، بۇ بەلكىم ئۆز ئىقتىدارىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقىنى باشقىلارنىڭ ماختىشى ۋە باھاسىغا باغلاپ قويغانلىقىمىزدا ياكى شۇنىڭغا ئىشەنگىنىمىزدە بولۇشى مۇمكىن. بىز كىشىلەرنىڭ بىزنى ياقتۇرىشى ياكى ياقتۇرماسلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز، يەنە تېخى كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان مەسخىرىسىنى ئۆزىمىزنىڭ يولىنىڭ تۇيۇق يول ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشتىكى بەلگە قىلىۋالىمىز.سوقرات بىزنىڭ بەزىدە خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلغان، يەنى ھەرقانداق كۆز-قاراشتىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن ئۇ بىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلماسلىق ۋە ھەقىقەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان تونۇشىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان مۇنداق بىر مۇھىم تەپسىلاتنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان: بىزنىڭ ئىدىيە ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ خاتالىقىنى ھەرگىزمۇ ئاددىيلا باشقىلارنىڭ قارشىلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلىساق ياكى بەلگىلىسەك بولمايدۇ.بىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىش ئەسلى بىزگە قارشى تۇرغانلارنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشتىكى سەۋەبىنىڭ قانچىلىك پۇت تېرەپ تۇرالايدىغانلىقى تولۇق ياكى ئەمەسلىكى. شۇڭا بىزنىڭ دېققىتىمىز كىشىلەر تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇش ياكى ياقتۇرۇلماسلىققا ئەمەس، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قارىتىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى زور نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىمىزنى خاتا دەپ قارىشى، ئاڭلىماققا ھەقىقەتەن كىشىنى قورقىتىدۇ. لېكىن ئۆز مەيدانىمىزدىن ۋاز كېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئۆز يەكۈنىنى چىقىرىشتا قوللانغان ئۇسۇلىنى ياخشى كۆزىتىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ قارشى پىكىرلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ يەكۈنلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكىگە باغلىق بولۇشى كېرەك.لېكىن ھازىر بىز بىر خىل ئەكىسچە خاھىشنىڭ قىينىقىغا ئۇچىرىماقتىمىز: ھەممىلا كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىز، بارلىق ئۆزىمىزگە ياقمايدىغان مەسخىرە ۋە پىكىرلەر بىزنى پاراكەندە قىلىشقا يېتەرلىك. ئەڭ مۇھىم شۇنداقلا خاتىرجەملىك بېرەلەيدىغان مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىپ باقمايمىز: بۇ قارغۇلارچە ئەيىپلەشلەرنىڭ ئاساسىي زادى نېمە؟ بىز دائىملا سەمىمىي ۋە چوڭقۇر تەنقىدلەر بىلەن جاھانغا يۈك، ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قالىمىز.بىز قىسقىغىنە توختاپ تەنقىدلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. خۇددىي سوقراتنىڭ چۈشەنچىسىدەك، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى گەرچە كۆڭۈل قويۇپ پەردازلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي يىلتىزى يوق ۋە مايماق بولۇشى مۇمكىن. بىزنى تەنقىد قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەر بەلكىم كاللىسى قىززىپ قالغاندا ياكى ھاياجاندىن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماس بولۇپ كەتكەندە، ياكى بىر تەرەپلىمە قاراش سەۋەبىدىن بىۋاستە سېزىمىغا تايىنىپ چوڭقۇر ئويلانماستىنلا يەكۈن چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ كاللىسىنى غەرق مەست بولۇپ كەتكەن ئىشتىن سىرىتقى ساپالچىلارغا ئوخشاتساق بولىدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىدىيۋى مەھسۇلاتلار ساپال بويۇملارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن تەس. ئەمما قايسى ساپال قاچىنى مەستنىڭ ياسىغىنىنى يەنە قايسىنى ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ ياسىغىنىنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان.ھەقىقىي ئىززەت-ھۆرمەت كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى يوللۇق مەنتىقىدىن كېلىدۇ.