سەن ۋە مەن

جاسارەت تاش


سەن — قەلبىم تەختىدە مەڭگۈلۈك خاقان؛سەن — روھىم تۈنىدە پارلىغان قەمەر؛سەن — چەكسىز سۆيگۈمگە ئۆمۈرلۈك ماكان؛سەن — كۆڭلۈم بېغىنى يورۇتقان سەھەر.

مەن — ئىشقىي جىلغاڭدا ئاققان زور ئېقىن؛مەن — سۆيگۈ تىلىگەن ساھىل-قەلەندەر؛مەن — ۋەسلىڭ  كويىدا چېقىلغان چېقىن؛مەن — ئىخلاس ئوتىغا مەھكۇم سەمەندەر.

سەن — ئوتلۇق قەلبىمگە ئويۇلغان مۆھۈر؛سەن — چەكسىز ھەيۋەتلىك-تىك روھىي تېغىم؛سەن — مېنىڭ جىسمىمدا ماغدۇر بىر ئۆمۈر؛سەن — قىش-ياز خازاندىن خالى گۈل بېغىم.

مەن — مېھرىڭ سۈيىگە تەشنا بىر گىياھ؛مەن — ئاشىق قەلبىدىن ئاڭلانغان خىتاب؛مەن — ساڭا مەڭگۈلۈك تاشلانغان نىگاھ؛مەن — سۆيگۈ قىسسەسى سۆزلەنگەن كىتاب.

سەن —  كۆڭلۈم تۆرىدە تەڭداشسىز سەنەم؛سەن — ئىقبال يولۇمدا ئەڭ نۇرلۇق ماياك؛سەن — تۇنجى سۆيگۈمنى خار قىلغان ئەلەم؛سەن — ماڭا كۈچ-ئىلھام بەرگۈچى چاۋاك.

مەن — ئىزدەپ ۋەسلىڭنى يېڭىلگەن تۇتقۇن؛مەن — مېھىر-ۋاپادىن تۆرەلگەن ھەسرەت؛مەن — دەردمەن كۆزىدىن چاقنىغان ئۇچقۇن؛مەن — چوڭقۇر سۆيگۈدىن چاچرىغان نەپرەت.

سەن — ئۈمىد بېغىمنىڭ سولماس لالىسى؛سەن — مېنىڭ كىرىشىم چەكلەنگەن قەسىر؛سەن — مەندەك ئاشىقنىڭ يۈرەك پارىسى؛سەن — قۇتقا تۇتۇلغان شادىمان ئەسىر.

مەن — نۇرلۇق كۆزۈڭگە تەلمۈرگەن بالا؛مەن — ئارزۇ-ئارماندا يانغان ئوت-يالقۇن؛مەن — بۇلبۇل ياڭراتقان ھەسرەتلىك ناۋا؛مەن — چەكسىز دېڭىزدا پەسەيمەس دولقۇن.

سەن — دىلغا ئورناشقان ئەڭ شېرىن ئازاب؛سەن — سۆيگۈ جېڭىدە يېڭىلمەس  سەردار؛سەن — دولقۇن باغرىنى يارغۇچى كاراپ؛سەن — نامرات ئىشقىمنى بېيىتقان زەردار.

مەن — گۈلگە ئىنتىلىپ سايرىغان بۇلبۇل؛مەن — چۆلدە سۇسىراپ سارغايغان چىنار؛مەن — كۆزلەپ ۋەسلىڭنى چاپقان شاش دۇلدۇل؛مەن — ۋىسال مېھرىڭسىز ساقايماس بىمار.

سەن — يىراق ئۇپۇقتىن چېچىلغان زىيا،مەن — سۆيگۈ چۆلىگە كۆمۈلگەن جەسەت.سەن — قۇشلار ئۇچۇپمۇ چىقالماس قىيا،مەن — چوڭقۇر ئويمانغا كولانغان لەھەت!