
گىرىپتارلىق
مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
قالدى كەينىمدە سەبىي، شوخ كۈنلىرىم،قايتىلاپ ئاچماس ماڭا ئەمدى قۇچاق.بەرق ئۇرۇپ تۇرغاندا ياشلىق گۈللىرىم،شۇنچە تېزلا سارغىيىپ كەتتى، بىراق.ئەمدى چەكسىز مۇڭغا تۇتقۇن ھېسلىرىم،بىر تەبەسسۇممۇ لېۋىمدىن بەك يىراق.ئەيلىسەم ئاشكار جاكار ئەلگە سىرىم،سۆيگۈدىن قەلبىمگە سانجىلدى پىچاق: بىر گۈزەل قويدى دىلىمغا چوغ تۆكۈپ،جۈپ كۆزى شەكسىز ئۇنىڭ يارقىن چېقىن.ئۇ مېنىڭ روھىمغا تۇرماقتا مۆكۈپ،بارچە مەۋجۇدلۇق ئارا خاس بوپ يېقىن.ئۆرتىنىپ كەتسەممۇ يالقۇنغا چۆكۈپ،ئىلتىپات قىلمايدۇ زەررە ئاھ، لېكىن.مەن خاراب ھەر لەھزىدە يۈز مىڭ ئۆلۈپ،(ئېھتىمال ئاشىق كۈنى شۇنداقمىكىن؟!) غەم بېسىپ، قالدىم تېنەپ ئورماندىمەن،تەرك ئېتىپ مەن ھەم مېنى گۈلگۈن شەھەر.سىردىشىپ تەنھا، غېرىب قۇشلار بىلەن،ئۆتتى پىغاندا كۈنۇ تۈن، كەچ – سەھەر.بەلكى مۇز يا تاش يۈرەكتۇر ئول لېۋەن،ياكى كۈلدۇر ئوتتا پىنھان شۇ قەدەر.ھىجرى فۇرقەت چۆللىرى چەكسىز ئىكەن،مەن ھالاك بولدۇم ۋىسال كۈلمىسە گەر.
2003 – يىل 1 – يانۋار چارشەنبە كېچە، باي ناھىيەسىدە يېزىلدى.
<iframe frameborder="no" border="0" marginwidth="0" marginheight="0" width=330 height=86 src="//music.163.com/outchain/player?type=2&id=1342174140&auto=1&height=66"></iframe>
<iframe frameborder="no" border="0" marginwidth="0" marginheight="0" width=330 height=86 src="//music.163.com/outchain/player?type=2&id=1342174140&auto=1&height=66"></iframe>
music.163.com/outchain/player?type=2&id=1342174140