
ئانتونى دى مەيلىر
ئابدۇجېلىل (كۈنەش) تەرجىمىسى
ئانتونى دى مەيلىر (Anthony De Mailer) كىرىشنامۇرتى بىلەن تەڭ داڭلىق مەنىۋىي يېتەكچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ قىزىقارلىق، تېتىشلىق ھېكايەتلەر بىلەن تېرەن تۇرمۇش پەلسەپىسى ۋە ھايات ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.بىزنىڭ يامانلىقلار توغرىسىدا ھەمىشە بېشىمىز قاتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايە بار:بىر كۈنى بىر بالا دەريا بويىدا خىيالەن كېتىۋېتىپ، ياقىدا تورغا چىرمىشىپ قالغان بىر تىمساققا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. تىمساقمۇ ئۇنى كۆرۈپلا دەپتۇ: «ماڭا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ چىقىرىۋەتسەڭچۇ؟ مېنىڭ تۇرقۇم سەل كۆرۈمسىز. لېكىن ھەر قانچە بولساممۇ مەن يەنىلا بىر ئانا. بالىلىرىمغا يېمەك تاپىمەن دەپ چىقىپ مۇشۇ تورغا كىرىپ قالدىم.»«سېنى چىقىرىپ قويسام، مېنى يەۋېتەرسەن ھەقىچان؟»، دەپتۇ بالا ئىشەنمەي.تىمساق بىچارىلەرچە تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا دەپتۇ: «سېنىڭچە، مەن ئۆزۈمنى قۇتقۇزغان بىر ئادەمگە شۇنداق تۇزكورلۇق قىلارمەنمۇ؟»بۇ گەپتىن ئېرىپ قالغان بالا بېرىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالغان تورنى تارتىۋېتىپتۇ. شۇئان، تىمساق دەررۇ ئۇنى يالماپتۇ. بالا تىمساقنىڭ ئاغزىدا يۇلقۇنغىنىچە دەپتۇ: «سېنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋابىڭ مۇشۇمۇ؟»«ئامال يوق»، دەپتۇ تىمساق، «ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇ. جاھان ئەزەلدىن شۇنداق.»«توختاپ تۇر، مەن باشقىلاردىنمۇ سوراپ باقاي» دەپتۇ بالا. ئاندىن يېقىنلا يەردىكى دەرەختە تۇرغان بىر قۇشتىن ئۈنلۈك سوراپتۇ: «ئەي قۇش، ئېيتقىنا! تىمساقنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟»قۇش ئويلانمايلا جاۋاب بېرىپتۇ: «توغرا. بىر كۈنى مەنمۇ بالىلىرىمغا دان ئېلىپ كەلسەم، بىر يىلان دەرەخكە يۆرگىشىپ چىقىپ، مېنىڭ ئۇۋامنى كۆزلەپ تۇرۇپتىكەن. ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمىدى، بالىلىرىمنى بىر-بىرلەپ يەۋېتىشىگە قاراپلا تۇرالىدىم. قاتتىق چىرقىراپ باقتىم، لېكىن پايدىسى بولمىدى. ھاياتلىق قانۇنىيىتى شۇكەن، جاھان مۇشۇنداقكەن.»«ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دەپتۇ تىمساق، «ئەمدى نېمە دەيسەن؟!»«ياق، باشقىلاردىنمۇ سورايمەن»، دەپتۇ بالا يەنە.شۇ چاغدا بىر ئېشەك دەريا بويلاپ كېتىپ بارغانىكەن، بالا ئۇنىڭدىنمۇ سوراپتۇ: «ھەي ئېشەك، ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ؟» ئېشەك پەرىشان ھالدا شۇنداق دەپتۇ: «ھەقىقەتەن توغرا. مەن بىر ئۆمۈر ئىگەمگە جان تىكىپ ئىشلىدىم. لېكىن ئۇ ماڭا قورسىقىم تويغۇدەكلا بىر نەرسە بەردى. ئەمدى قېرىپ كۈچۈم قالمىغاندا، <كارغا كەلمەيدۇ> دەپ يەنە ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. مەن ئورمانلىقتا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىلى نەچچە كۈن بولدى. بىرەر يىرتقۇچ چىقىپلا يەۋەتسىمۇ بالدۇرراق جېنىم چىقىپ كەتسە مەيلى ئىدى. راست، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇكەن، جاھان مۇشۇنداقكەن.»«ئەمدى نېمە دەيسەن؟»، دەپتۇ تىمساق يەنە، «بولدى، ئەمدى ئارتۇق گەپنى قوي!»«ماڭا ئاخىرقى بىر پۇرسەت بەرگىن»، دەپتۇ بالىنىڭ يەنە كۆڭلى قويماي.«بوپتۇ، ئاخىرقى بىر قېتىم بولسۇن»، دەپتۇ تىمساق.بالا سەكرىگەنچە كېلىۋاتقان بىر توشقاننى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىنمۇ سوراپتۇ: «ئەي توشقان، تىمساقنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟» توشقان ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قاتتىق ھەيرانلىق بىلەن تىمساققا دەپتۇ: «سەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىڭمۇ؟ ئۇنداق دېگەن بولساڭ، بىز بۇ توغرىلىق بىر پاراڭلىشىپ باقايلى.» ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ يەنە بېشىنى چايقاپتۇ: «بالا ئاغزىڭدا تۇرسا قانداق پاراڭلىشىمىز؟ سەن ئۇنى چىقىرىۋېتىپ تۇر، ئاندىن ئۈچىمىز پاراڭلىشايلى.»«ئۇنى چىقىرىۋەتسەم قېچىپ كەتمەمدۇ؟»، دەپتۇ تىمساق.«سېنىڭ بۇ بەستىڭ ۋە كۈچۈڭ بىلەن، ئۇ قاچىمەن دېسە قۇيرۇقۇڭنى شىلتىپلا يىقىتىش تەسمۇ؟»، دەپتۇ توشقان. بۇ گەپ تىمساققا يېقىپتۇ. ئۇ ئاغزىنى ئاچقانىكەن، بالا چىقىۋاپتۇ. «تېز قاچ!». دەپتۇ توشقان شۇئان. بالا دەررۇ قېچىپلا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋاپتۇ. «ئەمدى تىمساق گۆشىنىڭ تەمىنى خىيال قىلساڭ بولىدۇ»، دەپتۇ توشقان بالىغا، «قارا، تىمساق تېخى توردىن چىقىپ كەتكىنى يوق. دەرھال مەھەللەڭگە بېرىپ ئادەم باشلاپ كەل، تىمساق ئۆلتۈرۈپ سورۇن قىلسۇن.»بالا توشقاننىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ. كۆپ ئۆتمەي، مەھەللىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پالتا، توقماق، سانچىغاقلارنى كۆتۈرۈپ دەريا بويىغا تىمساق ئۆلتۈرگىلى كەپتۇ. ئۇلارغا ئەگىشىپ بالىنىڭ ئىتىمۇ بىللە كەپتۇ ۋە توشقاننى كۆرۈپلا بېرىپ بوغۇپ قويۇپتۇ. بالا توسۇشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، «ھاياتلىق قانۇنىيىتى راستلا شۇنداقكەن، تىمساقنىڭ دېگىنى توغرىكەن. جاھان مۇشۇنداقكەن» دەپتۇ.يەكۈن: بىز بۇ جاھاندىكى ئازاپ، قىيناق، جىنايەت، يوقىلىش، ئاچ-زارلىق دېگەنلەرنى چۈشىنىپ بولالمايمىز، چۈشەنچە بېرەلمەيمىز. چۈنكى مەۋجۇتلۇق ئۆزى بىر سىر. بىزنىڭ تەپەككۈرىمىز ئۇنى بىلگۈچى ئەمەس. شۇڭا بىزگە ئويغىنىش زۆرۈر. ئاندىن بىلىمىزكى، جاھان قانۇنىيىتى توغرا چىقىدۇ.