مۇھەببەت ھەققىدە


مۇھەببەت ھەققىدە

ج. خ. جىبران [لېۋان]



مۇھەببەت ھېچكىمنى ئىگىلىۋالمايدۇ، ھەم ئۇنى ھېچكىم ئىگىلىيەلمەيدۇ. سەنمۇ ئۇنى يېتەكلىيەلەيمەن دەپ قالما، بەلكى ئۇ يېتەكلەشكە لايىق دەپ قالسا سېنى ئۆزى يېتەكلەيدۇ. ئۆزىگە قانائەت تېپىشتىن باشقا، ئۇنىڭ ھېچ ھەۋىسى يوق.ئەگەر مۇھەببەتلىك ھالىتىڭگە يەنە زۆرۈرىيەت قوشۇلسۇن دېسەڭ، مۇنۇلارنى زۆرۈر بىل: ئۆزۈڭنى ئېرىتىپ، شىرىلداپ ئاققان بىر ئېرىق بول، تۈن ئالىمىدە يېقىملىق كۈيۈڭنى ياڭرات؛ زىيادە مۇلايىملىقتىن يەتكەن ئازابنى چۈشەن، ھەم مۇھەببەت چۈشەنچەڭ سەۋەب كەلگەن ئازارلارنى ئۈستۈڭگە ئال، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانلىرىڭنى خۇشاللىق بىلەن ئاققۇز.سېنى پەرۋاز قىلدۇرغۇچى قەلب سەھەردە ئويغىنىپ، يېڭى بىر كۈنگە سېنى مەمنۇنىيەت بىلەن يۈزلەندۈرسۇن؛ چۈشلىرى ئارام ئالساڭ، مۇھەببەت سىماسىنى تەسەۋۋۇر قىل؛ كەچقۇرۇن قايتساڭ مىننەتدارلىق بىلەن قايت. ئاخىرى مۇھەببىتىڭگە سازاۋەر بارچە ئۈچۈن ياخشى تىلەك بېرىپ، مەدھىيە كۈيىدىن بىرنى غىڭشىغاچ ئۇيقۇغا كەت.— «يولدا ئۇزاقلاپ كېتىپ نىيەت ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن»