
ئازابنىڭ مەنبەسى
تەرجىمىدە: كۈنەش
ئادەمنىڭ بىلىمى بىلەن ئەمەلىيىتى ئۇيغۇنلاشمىسا، بىلىشى ئاشقانسېرى ئىچىدىكى زىدىيەت ئۇلغىيىپ، ھاياتتىكى ئازابىمۇ كۆپىيىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئۇ جاھاندا نۇرغۇن بايلىق بارلىقىنى بىلسە-يۇ، ئۆزى ئىگە بولالمىسا؛ نۇرغۇن پاراسەت بارلىقىنى بىلىپمۇ ئۆزى پاراسەتلىك بولالمىسا، ئۇنداق ئادەم شۇلارنى بىلمىگۈچىدىنمۇ بەكرەك ئازابتا قالىدۇ.
ھەقىقەتتە، مۇنداق ئىككى خىل ئادەملا ئەڭ خۇشالدۇر: بىرى بىلىم ۋە ئەمەلىيىتى ئۇيغۇن ئادەم، يەنە بىرى بىلىمسىز. شۇنىڭدىن قارىغاندا، بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۇيغۇنسىزلىقى ھاياتتىكى ئازابلارنىڭ مەنبەسىدۇر.
— «بەنشەن ئەسەرلىرى»دىن