
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئادەم مەلۇم بىر شەھەرگە بارىدىكەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئايلىنىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر يولوچىغا ئۇچىرايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بىللە بۇ شەھەردە كېتىۋاتقاندا، بۇ ئادەمنى بىرەيلەن چاقىرىدىكەن. ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بارغان بولسىمۇ، بىراق كىمنىڭ ئۇنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى يەنە بىر يولۇچى بۇ ئادەمگە: بۇ ئاۋاز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، بىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرەيلى، – ديدىكەن. ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاۋات كوچىلاردىن ئۆتىۋاتقاندا، بۇ ئادەمگە ئۇنى چاقىرغان ئاۋاز يەنە ئاڭلىنىدىكەن. ئەمما، ئەتراپتىكى شاۋقۇن-سۆرەنلەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپنى پەرىق ئېتەلمەي قالىدىكەن. بۇ چاغدا ھېلىقى يولۇچى بۇ ئادەمگە : ئەمىلىيەتتە ھېچكىم سېنى چاقىرمىدى، ساڭا شۇنداق بىلىنىپتۇ،- دەيدىكەن. ئۇلار يولىنى داۋام ئىتىپ كېتىۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، بۇ شەھەردىكى ئادەملەر يوقاپ كېتىدىكەن، ھەتتا ئۇنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يولۇچىمۇ باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا غايىپ بولىدىكەن. بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە بۇ شەھەردىكى ئادەملەر قەيەرگە كەتكەندۇ؟ مەن بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتسەم بولغۇدەك ،- دېگەنلەرنى ئويلايدىكەن .
ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ ئادەملەردەك غايىپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال بىر ئۆيگە كىرىپ مۆكۈنىۋالىدىكەن. ئاندىن ئۇ دېرىزىدىن قارىغۇدەك بولسا، ئەتراپتا بىرەر ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆينىڭ تېمىدىكى ئەينەككە قارىغۇدەك بولسا، ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرەلمەيدىكەن. ئۇ قورققىنىدىن تەرلەپ كېتىدىكەن. قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا،ھېلىقى ئاۋاز ئۇنى يەنە چاقىرىدىكەن . گەرچە بۇ ئادەم ئىككى قۇلقىنى مەھكەم ئىتىۋالغان بولسىمۇ،ئاۋاز يەنىلا ئاڭلىنىۋېرىدىكەن . ئۇ بۇ ئاۋازدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ، مۆكۈنىۋالغان ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىكەن . لېكىن بۇ ئادەم ئۆيدىن چىقىپلا ناھايتى غەلىتە بىر ئىشنى كۆرىدىكەن . يەنى، بۇ شەھەردىكى يوقاپ كەتكەن ئادەملەر مۇشۇ ئادەمنىڭ سىياقىدا پەيدا بولىدىكەن. مەيلى ئۇ قەيەرگىلا قارىسۇن، ھەممە يەردە ئۆزىنىلا كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تەبەسسۇم قىلىدىكەن، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئەيىپلەش، غەزەپ – نەپرەت ۋە ھەسەتخورلۇق نەزىرى بىلەن قارايدىكەن . بەزىلىرى ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارىسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىتىبارسىز ھالدا قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن . ئۇ ھەممىدىن بەك ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۇسلۇق قاپلىغان چىرايلارنى كۆپرەك ئۇچرىتىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولىدىكەن. ئۇ مېڭىپ – مېڭىپ ئاخىرى بۇ شەھەردىن چىقىپ كېتىدىغان ئىشىكنى تېپىپ، ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىپ تۇرغاندا ئۇنى چاقىرغان ھېلىقى ئاۋاز ئۇنىڭغا يەنە ئاڭلىنىدىكەن. ئاۋاز ناھايتى يېقىنلا يەردىن ئاڭلىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ قېتىم ئۇ ئاۋاز چىقىۋاتقان يەرنى تېپىۋالىدىكەن. يەنى، ئاۋاز ئىشىكنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ شەھەرگە قايتىپ كىرىدىكەن. شەھەردىكى ئادەملەرمۇ ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىكەن، ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەن شەپەردېشىمۇ پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئىككىيلەن ۋە بۇ ئاۋاز بىرلىكتە مۇشۇ شەھەردە ياشايدىكەن.
خۇلاسە: بۇ ھېكايىدىكى ئاۋاز قەلبنى كۆرسەتسە، بۇ ئادەمگە يولۇققان يولۇچى ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنى يەنى ئىگونى كۆرسىتىدۇ. ئادەم قەلبىنى تىڭشىيالمىغاندا، ئۇنىڭ روھى ھالىتىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ھەرخىل ھېسسىياتلار پەيدا بولۇپ، ئىچكى خوراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
katti amsi
sinak katti