
كۈتىمەن
بىلگەئاي
ئۇزاق كۈتىمەن،شامالدەك كېتىۋاتقان ئۇنتۇشلارنى قايرىپ ئۆتۈپ،ھەر كۈنى ئۇزراۋاتقان ئارلقتىن ئۆزۈمنى ئاختۇرۇپ،سۆيۈشىۋاتقان تەنھالىقنىڭ تۈنۈگۈنىدىنئۆچۈرۈلمىگەن ھەرپلەرنى تىرىۋېلىپ،تىمتاسلىققا قونغان بىر تال قۇپقۇرۇقلۇقنى قېزىپ چىقىپ،چۆكۈپ كېتىۋاتقان ئايرىلىشلارنى ئەپسۇسلۇقتا سۈزۈىۋېلىپ،ئۆلۈپ كەتكەن كېچىلەرنىڭ بالىلىرىدىنتاساددىپىيلىقنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ،تاڭ نىسپىدە كېلىدىغان مېھماندەك بىر سۆيگۈنى كۈتىمەن.