
بىلگەئاي
يۈرىكىگە ناتۇنۇش،ئۇزاققىچە جاۋابىنى بىلمەيدىغان،تەگسىز،پىنھان،نامەلۇم ئۇ سۆيگۈنى ئىزدەيمەن.
قېچىۋاتقىنىمىز …بەلكىم ئىككى نەرسە،تامامەن ئوخشىمايدىغانياكى بىر- بىرىمىزنىڭ قارشىسىدىكى ئۇپۇق سىزىقى،مەن ئۇنىڭ مۇكەممەل ئېنىقلىمىسىنى بىلمەيمەن.
بىلەمسەن؟ئويلاۋاتقىنىم ۋە يېزىۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى سەن،كېچىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ نامىڭنى ئاتايمەن،ئىككىلىنىشلارنى يېڭىپ ساڭا تەلپۈنىمەن،بارچە يېلىنجاشلاردىن گۈلدەستە ياساپ سېنى كۈتىمەن.