قۇلۇپ

قۇلۇپ

ئۇ كۈنى خوشلاشمىدىڭ،مەن قايغۇمنى تامچىلاۋاتقان سەنسىز تەرەپكە يوشۇردۇم،لىۋىمدە قالغىنى ئەتىدىن باشلاپ سۇسلاپ كېتىدىغان تەم،ئالقىنىمغا ماكانلاشقىنى قىزغىنلىقنىڭ خازانلىرى،ئۈستەلدە تۇرغىنى بىر بوتولكا مېنىرال سۇ،ئۇ ئەسلىدە ئەللىك يىللىق ئۈزۈم ھارىقىۋە ياكى جان ئالار خېمىيۋى دورا بولۇشى كېرەك،ياق ياق،بۇلارمۇ بېرەلمەس ماڭا تەسەللىي.شۇ ماڭغانچە يوقۇتۇشنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇلۇپ كەتتىڭ،سېنى يامغۇرلۇق ۋاقىتنىڭ ئەۋجىسىدىن تۇتۇپ قالمىدىم،غەمسىز،ئېرەنسىز كېتىۋاتقىنىڭ:سۆيگۈمىزنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمى.مەن ئۇنى ئەبەدىيلىك بىلەن قۇلۇپلاپ قويدۇم.