بالىلار ئۈچۈن

بۇ كېچىدە مەن تۇيۇقسىزلا بالىلار ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ماڭا كەلگەن بۇ ئوينى بەلكىم ماڭا ئېھتىياجلىق بالىلار ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ چاستوتىسى ماڭا تۇتاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇمۇ ئىنىرگىيە تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ئوي بىكاردىن بىكار پەيدا بولمايدۇ.
دېمەكچىمەنكى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى مۇئەييەن بوشلۇق ئىچىدە ئورۇندىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بوشلۇقىدىكى جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم توغرا ئۇسۇل بۇيىچە ئايرىپ بېرىلمىگەندە، بالىلاردا خاتا ھالدىكى جىنسىيەت ئۇقۇمى ۋە جىنسىي ئۆسۈپ يىتىلىش بارلىققا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  مەن نېمىشقا جىنسىيەتنى تىلغا ئالىمەن؟ مانا بۇ مېنىڭ ماقالىنى يېزىشتىكى يادرولۇق مەقسىدىم ھېسابلىنىدۇ.

ئادەملەر جىنسىيەت، پۇل، ئۆيىنىڭ كۋادىرات سانى قاتارلىقلارنى ئاڭلىغاندا بىئارام بولىدۇ. بولۇپمۇ جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ سۆز تىلغا ئېلىنغاندا ئادەملەردە جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، ئۇيىلىش ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتەك روھى ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن، مۇبادا بالىلاردا جىنسىيەتكە ئالاقىدار بىرەر ئىش-ھەركەت يۈز بەرگەندە، ئاتا-ئانىلار ياكى تەربىيلىگۈچىلەر شۇ ھامان جىددىيلىشىپ، بالىلارنىڭ جىنسىيەتكە ئالاقىدار قىلمىشىنى چەكلەيدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ خىل چەكلەش، ئەيىپلەش ئۇسۇلىنى بالىلارغا بېرىلگەن جىنسىيەت تەربىيەسى دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ خىل تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس.
چۈنكى، بالىلار مەلۇم خىل جىنسىيەتكە دائىر قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاتا- ئانىلار ياكى باققۇچىلار بالىلارنى ئەيىپلەپ، تىللاپ، چەكلىگەندە، بالىلاردا ئىچكى جەھەتتىن قارشىلىشىش روھى ھالىتى تەييار بولۇپ بولىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن بالىلارنىڭ مېڭىسىدە بۇ خىل جىنسىيەتكە دائىر قىلمىشنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قىلمىش ئىكەنلىكى خاتىرلىنىپ، ئاڭسىز ئاڭ قىسىمىدىكى ئىتىبارغا ئېرىشىش ئېھتىياجى قاندۇرلۇش ئۈچۈن، كېيىنكى قېتىم بۇنداق قىلمىشىنى يەنە پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.