سېنىڭ ۋە مېنىڭ




سىناق


بىلگەئاي


نېمە دەرمەن… ئاۋۇ كېلىۋاتقان شادلىقنىڭ دوستىغا؟
ئۇنىڭ بارچىسى سۈكۈتتىن باشقىسى ئەمەس.

ھەسرىتىم-ھالرەڭ،
ئۇپۇق مۇنارىغا قولۇم يەتمەس.
ئىچىمدىكىسى يىمىرىلگەن ئۈمىدسىرەشلەرنىڭ داۋامى…
ئەمما…… سەھەر كوچىسىدىكى مۇڭداشقاق سۆزلەر ئۇنىڭغا ئىگىلمەس.

نەپرەت-ئۇنى نەقەدەر مەجبۇرلاش،
يۈرىكىم قايغۇمغا خۇمار بولغان يەنە بىر يۈرەك بىلەن جېدەللەشمەس.

شۇندىمۇ، يېنىمدا كەلگۈسىنىڭ بىر تال قوڭۇر چېچى،
ۋاقىت ياپراقلىرى ۋاز كېچىش سىنىقىدىن ئۆتەلمەس.







ھايات


بىلگەئاي


ھايات گاھىدا ناخشىچىغا ئۇكۇل يىڭنىسىنى،
قاسساپقا ئايرۇپىلان رۇلىنى،
رەسسامغا پۇتبولنى،
ئۆسۈملۈكشۇناسقا بەش تۇياق قوينى،
شائىرغا خېمىيە تەجىربىخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزغانغا ئوخشايدۇ.
نەقەدەر مۇجىمەللىك ماھىيىتى ئۇ…

ھايات گاھىدا يىگۈسىز تاماققا،
تۇتقۇچى يوق ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە،
يىگىرمە بەش سانتىمېتىرلىق يوپكىدىكى يەڭگىللىك پەلسەپىسىگە،
بىراۋنىڭ مۇلايىم ئەسكەرتمىسىگە،
ئىدراكلىق مېڭىلەرنى خىجىل قىلىدىغان ئۆكۈنۈش خاتىرىسىگە ئوخشايدۇ.
نەقەدەر ئېغىر چاقچاق ئۇ…

ھايات گاھىدا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىدەك تۇتۇپ قېلىنغان ھەسرەتكە،
تەكرار- تەكرار ئۈمىدسىرەشلەردىن كېينكى ناتۇنۇش جىلغىغا،
بابلون ئوردىسىدىكى تاملاردا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىش بەلگىسىگە،
ئوزاق يىللاردىن كېيىن ئەسكە ئالىدىغان تېپىشماقنىڭ جاۋابىغا،
كېسەلنى ساقايتىدىغان ئۆتتەك ئاچچىق دورىغا ئوخشايدۇ.
نەقەدەر تېز ماڭىدىغان جىمجىتلىق چاقى ئۇ…






قايمۇقۇش


بىلگەئاي


شىمالدىن خوشلىشىپ جەنۇپقا ماڭدىم،
ئۇ يەردە قالغىنى كەلگۈسىنىڭ گەۋدىسىگە تۇتىشىدىغان سۇئال.
كۆڭلۈمنى تىڭشاپ قايمۇقتۇم، ئۆچتۈم، ئاندىن يەنە ساڭا ئۈمتۈلدۈم.
قايتىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاۋغۇستنىڭ ۋەزىنىنى سۆيگۈنىڭ ئالقىنىغا قويدۇم،
ئەمما……نە شادلىققا نە ھەسرەتكە قەدىناس بولمۇدۇم.
شامال بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ئەسلەردە سېنى قانداق ئاتاشنى بىلمىدىم،
چۈنكى بېلىق دۇغ سۇدا ئاداشقاندەك
قىياسلار پەلەمپىيىدە مەنمۇ ئاداشتىم.
شېخىدىن ئاجىراپ يەرگە چۈشكەن ياپراق كەبى
ساڭا پەسىللەردىن ياسىغان يولدا تۇرۇپ قالدىم
يا كېلىشنى يا كېتىشنى بىلمەي.
پەقەت سەندىن بىرەر يۆنىلىشنىڭ ماڭا قەدەر داۋاملىشىشىنى كۈتتۈم،
تولىمۇ يىراق، سۇس، مەمنۇن ھالدا…






سېنىڭ ۋە مېنىڭ


بىلگەئاي


ئۇنتۇش سېنىڭ، ئەسلەش مېنىڭ.
ئېرەنسىزلىك سېنىڭ،ئەلەم مېنىڭ.
تىمتاسلىق سېنىڭ،ئىلتىجا مېنىڭ.
كېچىش سېنىڭ،چارىسىزلىق مېنىڭ.
قەتئىيلىك سېنىڭ،تەسلىم بولۇش مېنىڭ.
ئىمكانسىزلق سېنىڭ،سۆيگۈ مېنىڭ.
ئارلق سېنىڭ،مۇجەسسەملىك مېنىڭ.
بۈيۈكلۈك سېنىڭ، ئالقىش ساداسى مېنىڭ.
.مەنسۇپ قىلىش سېنىڭ،مەنسىزلىك مېنىڭ





本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli