ئۇ نېمە بولۇشى مۇمكىن

بىر كۈنى ، مەن گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئېچىشقا تىرشتىم ، ئازراق بولسىمۇ كۈلۈشنى ئىستىدىم ، بۇ چاغدا يۈز مۇسكۇللىرىمنىڭ گويا بىر قەۋەت قېلىن شاكالغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. يۈزۈمگە كۈچەپ ئۇرۇپ ، يىغلىۋالغۇم كەلدى ، ھالبۇكى قېتىپ قالغان ياش بېزىم ياش سۈيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىكەن . خامۇشلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى ، تەندىن روھقىچە ھەممىسى پۈتۈنلەي ئۇيۇشۇپ قېلىش ئىكەن .
_ سەي شىياڭ پىن، لى ۋېن شۈەن يازغان<<  خامۇشلۇقنى يېڭىش >> ناملىق كىتابتىن
سەن بىلمەيدىغان دۇنيا مەۋجۇت ئەمەسمۇ ؟  لېكىن بىزنىڭ بىلىمىمىزچۇ ؟  بىزنىڭ بىلىمىمىزمۇ ساڭا ماس كەلمەسمۇ ؟  ئەگەر بىلىم بولمىسا ، ئۇ نېمە بولۇشى مۇمكىن؟  بىخەتەرلىك قەيەردە؟ پۇختا ئاساس قەيەرد؟  نۇر قەيەردە؟  سېنىڭ زۇلمىتىڭ كېچىدىنمۇ قاراڭغۇ بولۇپلا قالماي ، يەنە كېلىپ تەگسىز . ئەگەر بۇلار بىلىم بولمىسا، بۇلار گەپ- سۆز بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ؟
_كارل گوستاف يۇڭنىڭ << قىزىل كىتاب >> ناملىق كىتابىدىن
ئىنسانلار پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، قەبىلە جەمئىيىتى ئەمدىلا شەكىللەنگەن ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇش ھالىتىگە كىرىش ئارقىلىق پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىگەن . ئادەتتە ئۇلار ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن ، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىغان .
_ خىگاشىنو كىيگونىڭ  <<  مەخپىيەتلىك  >>  ناملىق رومانىدىن
بىز مېزون ھاسىل قىلغان كۈچنى يادرو كۈچى دەپ ئاتايمىز ، گلون ھاسىل قىلغان كۈچ كۈچلۈك تەسىر كۈچ دەپ ئاتىلىدۇ . پروتون ، نېيترونغا ئوخشاش ئۆزئارا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان زەررىچە گادرون دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا بىز بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز ، ئالەمدىكى چوڭ پارتلاشتىن كېيىنكى مىليوندىن بىر سېكۇنت ئىچىدە ، پروتون بىلەن نېيترون مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ، پەقەت ئەركىن كۋارك ۋە گلون ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىق ماددىلار تەرەپ – تەرەپكە چاچراپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئالەمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە زىچلىقى تېز سۈرئەتتە كىچىكلىگەندە ، كۋارك ۋە گلون ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەتتىكى زەررىچىلەرنى تەشكىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۋارك بىلەن كوللوئىد بىر خىل ئەركىن زەررىچىنىڭ شەكلى بولۇش سۈپىتىدە ، يەنە ئالەمدە غايىپ بولغان .
_ خاۋكىنىسنىڭ <<  ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى >>  ناملىق كىتابىدىن
سىزنىڭ قورقۇش سەۋەبىدىن مەلۇم ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچكەن كەچۈرمىشىڭىز بارمۇ ؟ ياكى سىزدە رەت قىلىنىشتىن قورقىدىغان، ياخشى قىلالمىغاندا باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن قورقىدىغان ، ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ، يەنە تېخى نامەلۇم ئامىللار سەۋەبىدىن ، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايغان ھالەت مەۋجۇتمۇ؟ ئەگەر سىزدە بۇ مەسىلىلەر بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ قورقۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزنى توسۇپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
_ شى يۆنىڭ <<  سۆرەلمىلىك كېسىلىنى ئۈزۈل –  كىسىل يوقىتىش >>  ناملىق كىتابىدىن
نۇرغۇن روھىي كېسەللىكلەر ، خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ، ئىرسىيەت بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار .  لېكىن ، بىز ھازىرچە ئېنىق بىلمەيمىز ، ئىرسىيەت زادى قانچىلىك دەرىجىدە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى بەلگىلەيدۇ ؟ جەمەت شەكلىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ توپلىنىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ، يەنە بىر قارىمۇقارشى پاكىت شۇكى ، تېخىمۇ كۆپ جەمەت ئىچىدە پەقەت بىرلا خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى بار .  بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ئىرسىيەت خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىردىنبىر ، ھەل قىلغۇچ كېسەللىك سەۋەبى ئەمەس .
_  زېڭ چى فېڭنىڭ <<  خىيال دېگەن رېئاللىق  >>  ناملىق كىتابىدىن
تەشكىلىي ئاڭغا يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ، بىر ئادەم بىلەن كوللىكتىپ ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ، ئەمەلىيەتتە شۇ بىر ئادەم بىلەن ئاتا ۋە ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . دەل شۇنداق بولغاچقا ، بىر قىسىم جورىسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭ خىزمىتى دائىما ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ ، دوستى كەمچىل بولىدۇ ، تويى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ .
_  سىكوت پېكنىڭ << سەمىمىيەت ھاياتلىقنىڭ دورىسى >>  ناملىق كىتابىدىن
يۇقىردىكى كىتابلاردىن بەھىرلىنىپ، پىسخىكىدىن بىلىشىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولسىڭىز يەتتىنچى قارارلىق پىسخىكا ھەۋەسكارلىرى دەرسخانىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز،دەرسلىرىمىز تۆۋەندىكىچە :

本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli