راست گېپىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار




2301-نومۇرلۇق ئۆي



(ھېكايە)



بىلگەئاي



كارىدورنىڭ چىرىقى بىر ھەپتىدىن بۇيان يانمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، بەلكىم بۇ بىنادىكىلەر ئۆي باشقۇرۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كارىدۇرنىڭ توكىنى ئۈزىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. قاراڭغۇ كارىدۇردا مېڭىش جاۋاب تەلەپ قىلىدىغان جىمجىت سۇئالدەك كىشىنى ئەنسىرىتەتتى. ئامال يوق، تېلېفۇننىڭ چىرقىنى يورۇتۇپ ئاران دېگەندە ئۆيگە كىرۋالدىم. ئۆي ئىچى بىرەر يىل ئادەم ئولتۇرۇپ باقمىغاندەك جىمجىت ھەم سوغۇق، ئۇ تېخى كەلمەپتۇ. قولۇمدىكى نەرسە – كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم. تېلېفۇن ئېلىنمىدى، بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا 83 – قېتىم تېلېفۇن ئورۇشۇم ئىدى. شۇ ئەسنادا كۆزۈم خىرەلىشىپ، ھېچنېمىنى تۇيمۇدۇم، تاشلىنىش، تەنھالىق، كەمسىنىش، ئۇۋۋالچىلىق قاتارلىق روھىمدىكى بۇ شەپقەتسىز مېھمانلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم.

يەنە شۇ تاللا بازىرى ، ئادەملەر ناھايتى كۆپ ، ئۇ ئايال ئۇدۇلۇمدىكى ئۈستەلدە ماڭا نەشتەردەك قاراپ ئولتۇراتتى .

 -ئېرىم بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمىسىڭىز ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن.

-مېنىڭ ئېرىڭىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق.

-خۇپسەنلىك قىلىۋاتقىنىنى قارا، مانا ئەمىسە…!

تاللا بارىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ئېلەڭگۈچلۈك قەھۋەخانىدا ئىككى ئايال قەبىھلەرچە ئورۇشۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قولى يەنە بىرىنىڭ چېچىدا، يەنە بىرىنىڭ قولى ئۇنىڭ ياقىسىدا، ئاياللارنىڭ كۈندەشلىكى پەللىگە چىققاندا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تەڭداشسىز روھى كۈچ ئۇرغۇپ چىقىدۇ، بۇنداق چاغدا تەلۋىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن باشقا ھېچقانداق سۈپەتلەش ئۇلارغا توغرا كەلمەيدۇ.

كۆزۈمنى ئاچسام ئۇنىڭ قۇچىقىدا يېتىپتىمەن.

-سىزگە نېمە بولدى؟ ئۆيگە كىرسەم يەردە يېتىپسىز.

-سىز يەنە شۇ ئايال بىلەن كۆرۈشتىڭىز شۇنداقمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، نېمىشقا ئارتۇق ئويلايسىز؟

-مەن ئارتۇق ئويلۇمۇدۇم، سىز راستىنلا ئاشۇ ئايال بىلەن كۆرۈشتىڭىز. بولمىسا بۇنچە كەچتە نېمىشقا ئۆيگە كەچ قايتىپ كېلىسىز؟

-شىركەتتە قىلىدىغان ئىشىم تۈگىمىگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈن ئۆيگە كەچ قايتىپ كەلدىم.

-ئۇنداق بولسا، ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن تاللا بازىرىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئۇ ئايال بىلەن ئورۇشقاندا سىز كېلىپ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن ئىدىڭىزغۇ؟ يەنە چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىۋاتىسىز-ھە؟

-ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن بىز چوڭلار بىلەن بىللە چوڭ قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدۇق، سىز بۇنى قانداقلارچە ئۇنتۇپ قالدىڭىز؟

-نېمە ؟ بىز ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن چوڭ قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدۇقما ؟

-شۇنداق ، سىز چارچاپ كېتىپسىز. ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك . مەن دورىڭىزنى ئېلىپ چىقاي .

ئۇ بىر قولىدا دورىنى، بىر قولىدا بىر ئىستاكان قايناقسۇنى ئېلىپ چىقتى.

سەھەر ، مەن ئۆيدىن چىقىپ ئۇ ئايالنى ئىزدەپ باردىم . 2301- نومۇرلۇق ئۆي ، دەل مۇشۇ ئۆي شۇ . ئىشىكنى چەكتىم ، يىگىرمە مېنۇتلارچە ئۆينىڭ ئالدىدا تۇردۇم، نەتىجىدە ئۇدۇلدىكى ئۆيدىن بىرەيلەن چىقىپ بۇ ئۆيدە تۇرىدىغان ئايالنىڭ دېرىزىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن قولۇقۇمغا ئىشەنمىگەن ھالدا قايتىپ چىقتىم .

كۆزۈمنى ئاچسام ، ئىككى تەرپىمدىكى كېسەل كارۋىتىدا ھېچكىم يوق ئىكەن . مەن دېرىزىنىڭ ئالدىغا باردىم ، ئەتراپ شۇقەدەر سۇلغۇن ، ناتۇنۇش كۆرۈنىۋاتاتتى . شۇ ئەسنادا سېستىرا كىرىپ مېنى چاقىردى :

-31- نومۇرلۇق كارىۋاتتىكى بىمار ، ھازىر دوختۇر كىرىپ سىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ.

-بولىدۇ.

ئاپئاق خالات كىيگەن بىر ئادەم كىردى ۋە ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەندىن سۇئال سوراشقا باشلىدى:

-ياخشىمۇ سىز ئەپەندىم، بىز پاراڭلىشىپ باقساق بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە بولىدۇ.

-ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلەمسىز؟

-ياق ، ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئېسىمدە بولسا سىزگە ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىم.

-شۇنداقمۇ ؟ راستىنلا ئەسلىيەلمەمسىز ياكى ئەسلەشنى خالىمامسىز؟ پەقەت ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىشكە تىرىشىپ باقسىڭىزلا، ئاندىن كېسىلىڭىزنى داۋالاشتا ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ. ماڭا سىزنىڭ راست گەپ قىلىشقا يۈزلىنەلەيدىغان جۈرئىتىڭىز كېرەك. ئەگەر جاۋاب بەرگىڭىز كەلمىسە جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

-كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئۇ ئىشلارنى ئەسلەشنى خالىمايمەن. ھەر قېتىم ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە گۇناھكارلىق، ئاسىيلىق، ئۆزسىزلىك تۇيغۇسى مېنى چىدىغۇسىز قىينايدىكەن. ئايالىم مېنى ھەددىن زىيادە كۈنلەپ، ئۇ ئايالغا ئۇۋۋال قىلدى، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى.

كۆزۈمنى ئاچسام ئۇ ئايال ئىككى قولىدا بوينۇمنى مەھكەم قاماللاپ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىركەشتىم، شۇ ئەسنادا ئۇ كېلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۋالدى. ئۇنىڭ ئايالى ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىلىپ قاپتۇ. ئەر- ئايال ئىككىيلەن كۆز ئالدىمدىلا قاتتىق سوقۇشۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇ ئايالىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ماڭا ئېتىلىپ كېلىپ يەنە تىللاشقا باشلىدى:

-دۇنيادا مېنىڭ ئېرىمدىن باشقا ئەركىشى يوقمىكەن، نېمىشقا ئېرىمدىن نېرى تۇرمايسەن؟!

-سەنمۇ نېمىشقا ئېرىڭگە كۆڭۈل بۆلمەي، ھەدېسىلا ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئورۇشۇپ، كۆرەڭلىك قىلىپ، ئۇنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىمايسەن؟

-سەندەك بىرىنىڭ بۇنداق گەپلىرى پەقەتلا ئۆزىنى گۇناھىسىز كۆرسىتىشتىكى بىر باھانە خالاس. سەن بەرىبىر ئۈچىنچى شەخىس، ئەرلەر سەندەك ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، پەقەتلا كۆڭۈل ئاچىدۇ، سەن دېگەن بىر ئويۇنچۇق. سەن ئاخىردا يەنىلا ئىشىك سىرتىدا قالىسەن، ھامان بىر كۈنى ئاق يۇڭلۇق كۈچۈكنىڭ ئورنىدا كوچىدا تاشلىنىسەن.

-ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ ئىچكى- تاشقى تەقى- تۇرقىنى ئوڭشاپ ، ئېرىڭگە ماسلاشقان لاياقەتلىك ئايال بولۇپ كەل.

-ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى ئىشقا سەن ئارلاشما، ھەم ئارلاشساڭمۇ بەرىبىر. چۈنكى ئەر- ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت شۇ ئىككىيلەنلا ھېس قىلالايدىغان قانۇنىيەت مەۋجۇت، بۇنى باشقىلار بىلەلمەيدۇ، بىلدىڭمۇ ؟ ئەمدى كۆزۈمدىن يوقال!!!

ئەر- ئايال ئىككىيلەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇدۇلدىكى قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان سۈتلۈك قەھۋە بۇيرۇتتۇم. قەھۋەنىڭ ھەم كۈيۈك ھەم مەززىلىك پۇرىقى مېڭەمنى بىر ئاز تېنچلاندۇردى. بىز تۈنۈگۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مېھمانخانىدا شىرىن دەملەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئۇ ماڭا ئايالىدىن ئاجىرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، مانا ئەمدى ئايالى بىلەن بىللە كېتىپ قالدى.

-ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ ؟ شۇنداق. مەن باياتىن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە سىز بىلەن پاراڭلىشىپتىمەن، ئاندىن مەن ئېرىمگە ئايلىنىپ قاپتىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئايالغا ئايلىنىپتىمەن.

-شۇنداقمۇ؟ چۈشىڭىزنى تەھلىل قىلىشىمچە، سىز روھى دۇنيايىڭىزغا ئىنتايىن تەسىر قىلغان بۇ ئىككىيلەننى دائىم خىيال قىلغاچقا، ئۇلار بىلەن چۈشىڭىزدە ئالمىشىپ قاپسىز. رېئاللىقتىكى بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىسى چۈشىڭىزدە ئەر ياكى ئايال، نەرسە-كېرەك ياكى ئىش – ۋەقەلەرنىڭ ئورنىدا سىز بىلەن ئالمىشىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەم شۇنداقلا ئۇلار ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر پۈتۈنلەي سىز ۋە سىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

-شۇنداق. ئېرىم مېنى كۈنلەيدۇ، يەنى كېلىپ 2301- نومۇرلۇق ئۆيدىكى ئۇ ئادەمدىن ناھايتى كۈنلەيدۇ. ئۇلار ھەتتا چوڭ تاللا بازىرىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە قاتتىق سوقۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئېرىم ماڭا ھەر كۈنى 80 ،90 قېتىمچە تېلېفۇن قىلاتتى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېرىمنىڭ روھى ھالىتىدە ئېغىر بۇزۇلۇش يۈز بېرىپ، پات- پاتلا ئايلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمىلىيەتتە ئۇ ئادەم بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق بىنورمال ئىش يوق ئىدى. لېكىن، ئۇ ئادەم مېنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتى.

-شۇنداقمۇ؟ ماڭا سىزنىڭ راست گەپ قىلىشقا يۈزلىنەلەيدىغان جۈرئىتىڭىز كېرەك. ئەگەر جاۋاپ بەرگىڭىز كەلمىسە جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

-بۇ گەپلەرنى باياتىن چۈشۈمدە ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم.

-مېنىڭ پەقەت راست گېپىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار.

-دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست دوختۇر.

-ئۇنداق بولسا ئېرىڭىزگە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۇپ، مېڭىنى بارغانسېرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان دورىنى نېمە ئۈچۈن بەردىڭىز؟

-دېمەك، سىز ھەممىنى بىلىپ بۇپسىز-دە؟!

-ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر تەكرارلاپ قوياي، مېنىڭ راست گېپىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار. جاۋاب بەرگىڭىز كەلمىسە، جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

-بولىدۇ. مەن 2301- نومۇرلۇق ئۆيدىكى ئۇ ئەرنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتىم ، دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلايتتىم ، بىز ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىمايمىز ، ئەرلەر بىرەر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ، ئۇنى ئۇچۇق – ئاشكارە ئىپادىلەيدۇ ، ھەتتا ئايالىغا ئېيتىدۇ ، بىراق بىز ئاياللار ئۇنداق ئەمەس .  بىرەر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالساقمۇ ، بۇنى ئۈن – تۈنسىز ھالدا ئىچىمىزدە ساقلايمىز ، ئېرىمىزگە ئېيتالمايمىز، مانا بۇ سەمىمىيەتسىزلىك . بۇ جەھەتتە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا سەمىمىيەتسىز كېلىدۇ . سىزگە دېسەم دوختۇر ، ئۇ ئەر مېنى رەت قىلىۋەتتى.  مۇشۇنداق ھالەتتە مېنىڭ يەنە ئېرىم بىلەن بىللە ياشىغۇم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ ، مېڭىسىنى كاردىن چىقىردىغان دورا ئالدىم . ئېرىم مېنىڭ ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان دورا بېرىۋاتقانلىقىمنى ، ئۆزىنى ئاستا – ئاستا قەستلەۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قېلىپ دېرىزىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى.

-ئۇنداق بولسا، 2301- نومۇرلۇق ئۆيدىكى ئۇ ئەر ھازىر قەيەردە؟

-ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

-2301- نومۇرلۇق ئۆي ئەر-ئايال ئىككىلارنىڭ ئۆيىغۇ دەيمەن.

-شۇنداق دوختۇر.

-ئۇنداق بولسا، سىز باياتىن تىلغا ئالغان ئەر زادى قەيەردە؟

-ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئادەم ۋە بۇنداق ئىشلار ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئېرىم ماڭا زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن بىر تېلېفۇن كارتىسى بېجىرىپ مەخپىي ھالدا ئۈندىداردىن يەنە بىرنى ئېچىپ، مەۋھۇم بىر ئەرنى پەيدا قىلدىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئېرىمنىڭ گۇمانىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغىماقچى بولدۇم، نەتىجىدە ئېرىم مېنى راستىنلا كۈنلەشكە باشلىدى، ئاندىن مېنى قاتتىق خورلاپ، ئۇرىدىغان بولدى ، ئۇنىڭ كۈنلىشى چېكىدىن ئېشىپ كەتتى، مېنى چىدىغۇسىز قىينىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئېرىمنى ئاستا- ئاستا نابۇت قىلىدىغان دورا ئېلىپ ئۇنىڭغا يىگۈزدۈم . نەتىجىدە ، ئۇ پەيدىنپەي زەيىپلەشتى، ئۇ ئەر ئېرىمنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى، ھەتتا مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتساممۇ ئىشەنمىدى. ئاخىردا ئېرىم دورىنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالدى، مېنىڭ بۇنداق دورىنى ئۆزىگە يىگۈزۈشۈمنىڭ سەۋەبىنى تامەمەن ھېلىقى مەۋھۇم ئەر ئۈچۈن ، دەپ ئويلاپ ، مېنىڭ توسىۋالغىنىمغا قارىماي دەرىزىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى . 

-مانا ئەمدى بولدى ، كېسىلىڭىزنى ساقايدى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ خانىم . دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ .

شۇ ئەسنادا بىر ئايال ساقچى بىلەن بىر ئەر ساقچى كىردى.






本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli