
قارتىنىڭ كېلىپ چىقىشى
قارت پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقالغان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىشقا، قىمار ئويناشقا بولىدىغان قەغەز ئويۇنچۇق . ئويناش ئۇسۇلى ئوخشىمىغاچقا ، قەدىمدە ئاتىلىشى بىردەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆلچەملىك نامى قارت بولسا poker نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى . قارتانىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى تېخى تولۇق بېكىتىلمىگەن ،بىراق ئادەتتە فرانسىيەنىڭ تارو ماركىسىدىن ئۆزگەرگەن دەپ قارىلىدۇ . دەسلەپكى قارتا 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مىسىردىن ياۋروپاغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن . 15 – ئەسىردە K نى ئەڭ چوڭ ماركا دەپ قارىغان، 2 نى ئەڭ كىچىك قىلىش ئۇسۇلى 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن كېيىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن . ئەڭ بۇرۇنقى قارتا ۋاراق سانى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش ئەمەس . ئىتالىيەنىڭ ھەر بىر يۈرۈشى 78 پارچە،گېرمانىيەدە 32 پارچىدىن توغرا كېلىدۇ،ئىسپانىيەنىڭ ھەر بىر يۈرىشىدە 40 پارچە،فرانسىيىدە 52 پارچىدىن توغرا كېلىدۇ . قاغا،تاپان،چىللىك،غىشلارنى فرانسۇزلار « نەيزە ، يۈرەك ، چاسا شەكىللىك ، قەلەمپۇر يوپۇرمىقى » دەپ ئاتايدۇ،گېرمانىيەلىكلەر « يوپۇرماق ، ئۆزەك ، قوڭغۇراق ، دۇب دەرىخى مېۋىسى » دەپ ئاتايدۇ ، ئىتالىيەلىكلەر ئۇنى « قىلىچ ، تەڭگە ، كالتەك ، رومكا » دەپ ئاتايدۇ . كېيىن غەربلىكلەر ئاسترونومىيەدىكى كالېندارغا ئاساسەن ، بۇ خىل قارتا ئويۇنىدىكى كارتىسىنىڭ مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، 54 پارچە قىلىپ بېكىتكەن . قارتىنىڭ تاختا سانى ئاسترونومىيەلىك كالېندارغا ئۇيغۇن بولغاچقا، قارت كالېندارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى دەيدىغان گەپ بار ئىكەن.
تۆۋەندە بىز قارتىدىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك ئون ئىككى مەشھۇر شەخىس بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1 . قاغا كارۇلK : ئىسرائىليەنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى، يەنى ئۇ سولومون شاھنىڭ دادىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى كېيىنكى يەھۇدىيلارغا ۋە دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
2 . تاپان كارۇلK : بۈيۈك ئىمپېراتور چارلېزمان كارولىن بولسا كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ھۆكۈمرانى، كارولىن ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. كارولىن تەختكە چىققاندا، فرانك پادىشاھلىقى ھازىرقى فرانسىيە ، بېلگىيە ، شىۋېتسارىيە ، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىمپېراتور چارلېزمان كارولىن يەنە داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلغان، ئۇ غەربىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى بويسۇندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن فرانك پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى گۈللەنگەن، پاپا لېئو III تەرىپىدىن « رىملىقلارنىڭ پادىشاھى » دەپ نام بېرىلگەن . ئىمپېراتور چارلېزمان قۇرغان ئىمپېرىيە كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە فرانسىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن « ياۋروپا ئاتىسى » دەپ ئاتالغان
3. چىللىك كارۇلK : ئىمپېراتور ئالېكساندىر ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، غەرب تارىخىدىكى تۆت چوڭ ھەربىي قومانداننىڭ بىرىنچىسى، ئۇلۇغ بويسۇندۇرغۇچى. ئىمپېراتور ئالېكساندىر تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ماكېدونىيە ئارمىيەسىنى باشلاپ گرېتسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى يۇتۇۋېلىپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا ھۇجۇم قىلغان، تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئۈچنى ئىشغال قىلغان، ياۋروپا ، ئاسىيا ، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىمپېرىيەنى قۇرغان. ئىمپېراتور ئالېكساندىر يەنە نۇرغۇن ھېكايە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغان: « تاغ ماڭمىسا ، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن. »
4. غىش كارۇلK : ئىمپېراتور قەيسەر رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر ھەربىي قوماندانى، غەرب تارىخىدىكى تۆت چوڭ ھەربىي قومانداننىڭ بىرى، شۇنداقلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى . گەرچە ئۇ تەختكە چىقىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن يەنىلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجسىز پادىشاھى ،قەيسەر ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. قەيسەر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، پومپېي ، كراسۇلار بىلەن ئالدىنقى ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئارقىلىق ، گاللىيە (فىرانسىيە) نى بويسۇندۇرۇپ، رىمنى ئىشغال قىلىپ، پومپېينى مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭدەك مەمۇرىي تەپتىش ،ھاكىممۇتلەق ئەمەلدار قاتارلىق ئەمەللەرگە يۈزلىنىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
5 . قاغا ماتكا Q : ئافېنا قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى پادىشاھ زېۋىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئەقىل – پاراسەت ئىلاھى مېتىسنىڭ قىزى. ئافېنا گۈزەل رۇخسارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە باتۇرلۇق ۋە ئەقىل – پاراسەتتىن ئىبارەت قوش كۈچكە ئىگە ئايال جەڭ ئىلاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قولىدا نەيزە ،بىر قولىدا قالقان تۇتقان تۆت پارچە Q ماتكا قارتىسى ئىچىدىكى بىردىنبىر قولىدا قورال تۇتقان ئايالنىڭ بىرى .
6. تاپان ماتكا Q : جۇدىس ئايال قەھرىمان بولۇپ ،ئەينىيەتتە يەھۇدىي مىللىتى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا، جۇدىس يۇرتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇ ئايال چاكارنى ئېلىپ دۈشمەن بارگاھىغا بېرىپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قوماندانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. شۇڭا ئۇ ئىبرانى خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئۇلۇغ خانىش دېيىلگەن.
7. چىللىك ماتكا Q : ئايال پادىشاھ ئاگىننىمېي، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە بىر مەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇش بار بولۇپ، 14 – ئەسىردىكى ئەنگلىيەنىڭ ئەتىرگۈل ئۇرۇشى ( ئىنگىلاند ئىچكى ئۇرۇشى ) يۈز بەرگەن . كىشىلەر ئۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئېنگىلاند ئەتىرگۈلى ( بۇ يەردىكى قىزىلگۈل ئەمەلىيەتتە ياۋروپانىڭ قەدىمكى ئازغىنى ) نى دۆلەت گۈلى قىلغان، ھەمدە خان جەمەتى ئىزنىكىنى قىزىل بىلەن ئاق ئارىلاشقان ئەتىرگۈلگە ئۆزگەرتكەن. بۇ قولىدا ئەتىرگۈل تۇتقان ئايال پادىشاھ _ تىنچلىقنىڭ سىمۋولى.
8 . غىش ماتكا Q : ياگنىڭ ئايالى ، ئەمگەكچان ، گۈزەللىكتىن ھەم مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولغان ياش ئايال . ئۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ھېكايىلەردە ئۇنىڭ بىلەن ياكوبنىڭ مۇھەببىتى مەدھىيەلەنگەن.
9. قاغا سالداتJ : خوگېل دانىيەنىڭ پادىشاھى جېئوفرېنىڭ ئوغلى بولۇپ، كېيىن تۇتقۇن سۈپىتىدە ئىمپېراتور چارلىزماننىڭ ياساۋۇلىغا ئايلىنىپ، ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خوگېلنىڭ پادىشاھ ئارتوردىن ۋارىس قالغان ترىستاندىكى مۇقەددەس شەمشىرى كاتىنا ( مېھرىبان شەمشەر ) بار ئىكەن. بۇ قىلىچ ھازىرمۇ ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە.
10 . تاپان سالدات J : لاخېر فرانسىيە پادىشاھى چارلېز VII نىڭ خىزمەتكارى، فرانسىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئايال قەھرىمان جېننېنىڭ سەپدىشى. ئېنگلاند پادىشاھلىقى بىلەن فرانسىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى يۈز يىللىق ئۇرۇشتا لاخېر فرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي قوماندانى بولغان، يۈز يىللىق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فىرانسىيە غەلىبە قىلىپ، ئىنگىلاندنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنىنى تارتىۋالغان. لاخېر فرانسىيىنىڭ قەھرىمانى ،ئۇنىڭ ئىسمى فرانسىيىنىڭ مەڭگۈلۈك قۇتقازغۇچىسى – جېننادېغا ھەمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. لاخېر دەل مۇقەددەس ئايال جېننېغا ئەگەشكەن تەڭداشسىز سەركەردە بولۇپ، شۇ قېتىمقى جەڭدە مۇھىم رول ئوينىغان .
11 . چىللىك سالداتJ : لاندسلوتېر رىۋايەتلەردىكى شەخس برىتانىيەنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھى ئارتۇر رەھبەرلىكىدىكى چەۋەندازلار ئىچىدە رىۋايەتلىك شەخس، قەيسەر ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ . لاندسلوتېر يۇمىلاق ئۈستەل چەۋەندازلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ، ساداقەتمەن ھەم كۈچلۈك ، ئۇ پادىشاھ ئارتۇرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن خانىش گۇينىۋىيەنىڭ ياساۋۇللى بولۇپ قالغان . ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن لانسلوتېر بىلەن خانىش مۇھەببەتلىشىپ قالغان، يۇمىلاق ئۈستەل چەۋەندازلىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ناھايىتى تېزلا بىلىپ قالغان، چەۋەندازلاردىن بىرى بۇ ئىشنى پادىشاھ ئارتۇرغا دېگەن. بىراق، ئارتۇر پەقەت بىلمەسكە سېلىۋالغان. پادىشاھ ئارتۇر ئۇلارنى جازالاشنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ ،لانسلوتېرنىڭ بۇ قىلمىشى نۇرغۇن چەۋەندازلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستى بار گاۋۋېن ( ئارتۇر پادىشاھنىڭ جىيەنى ) ۋە مودرېد ( ئارتۇرنىڭ ئوغلى ) ئىككىسى ئۆز ئالدىغا 13 چەۋەندازنى باشلاپ ،خانىش ئوردىسىغا يوشۇرۇنچە كىرگەن ئىككى كىشىنى قولغا ئالغان، لاندسلوتېر قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققان، خانىش پادىشاھ ئارتۇرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئارتۇر پادىشاھنىڭ خانىشنى جازالىغۇسى بولمىسىمۇ، لېكىن ،چەۋەندازلارنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن خانىشقا ئوت قويۇش جازاسى بېرىشكە مەجبۇر بولغان . جازا مەيدانىدا، لاندسلوتېر ئادەم باشلاپ جازا مەيدانىنى بۇلاپ خانىشنى قۇتقۇزۇپ چىققان، ھەمدە ئىككىيلەن فىرانسىيەگە قېچىپ كەتكەن . كېيىن پاپانىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن لاندسلوتېر رىتسارلار شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، خانىشنى قايتۇرۇپ بەرگەن. يۇمىلاق ئۈستەل چەۋەندازلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇشتا ئۆلگەن، خانلىقمۇ گۇمران بولغان . پادىشاھ ئارتۇر ئۆلگەندىن كېيىن، خانىش گۇينىۋىيە بىر ئۆمۈر يالغۇز قېلىشنى قارار قىلغان، مەجنۇن رانسلوتېر ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ خانىش گۇينىۋىيە بىلەن كۆرۈشكەندە ، خانىش لاندسلوتېرنى رەت قىلغان.
12 . غىش سالدات J : روۋلاند مۇقەددەس چەۋەنداز روللان ئىمپېراتور چارلىزماننىڭ قول ئاستىدىكى 12 مۇقەددەس چەۋەندازنىڭ باش چەۋەندازى، شۇنداقلا تارىختا تۇنجى مۇقەددەس چەۋەنداز دەپ ئاتالغان ئادەم . باتۇر ،ئۇرۇشخۇمار، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە. روللاننىڭ فرانسىيە داستانى « رولان ناخشىسى » دا روۋلاندنىڭ چەۋەندازلار روھى مەدھىيەلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: بىلگەئاي
本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli