مۇزىكا ۋە مېڭە دولقۇنى

مۇزىكا ۋە مېڭە دولقۇنى

(ماقالە)

بىلگەئاي 

پىسخىكا جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان دۇنياۋى كىنولارنىڭ ئىچىدىكى << جوكېر >> ناملىق كىنودىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جوكېر بەلكىم كۆپىنچە كىشىلەرگە تۇنۇش بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىنودىكى جوكېر مۇنداق دېگەن : مۇزىكا ئادەمنىڭ پارچە – پارچە بولۇپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن روھىنى پۈتۈنلەپ،رەتلىيەلەيدۇ . 

ئۇنداقتا بىز مۇزىكىنىڭ ئادەملەرگە بولغان تەسىرىنى چۈشىنىپ باقايلى.

بەزى كىشىلەر رىتىمى تېز مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇدۇ ، بەزى كىشىلەر رىتىمى ئاستا مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇدۇ . يەنە بەزى كىشىلەر يەڭگىل،كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان مۇزىكىلارنى ياقتۇرىدۇ ، بەزى كىشىلەر ھەسرەتلىك مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇدۇ ، ھەمدە مۇزىكىلارنى كىلاسسىك مۇزىكا ۋە مودا مۇزىكا، دەپ ئايرىيدۇ . 

فىزىكىچە ئاتىغاندا ، دەۋرىيلىككە ئىگە بولغان ئاۋاز دولقۇنىنى مۇزىكا دىيىشكە بولىدۇ . بىز راۋاپ بىلەن باس ئىسكىرىپكىنىڭ ، ساتار بىلەن گىتتارنىڭ ، دۇتتار بىلەن قالۇننىڭ ، نەي بىلەن ساكىسنىڭ ئاۋازىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ پەرىقلەندۈرەلەيمىز . ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان چالغۇدىن چىقىۋاتقان بۇ مۇزىكىلارنى پەرىقلەندۈرەلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ ھەم شۇنداقلا بۇ مۇزىكىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە تەسىر قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ مانا بۇ بىزنىڭ بۈگۈن ئورتاقلىشىدىغان تېمىمىزدىن ئىبارەت . 

كىشىلەر مەلۇم شېئىر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا ، ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغىنى شېئىردىكى سۆزلەر بىلەن شۇ سۆزلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن پەيدا بولغان تۇيغۇدىن ئىبارەت . مەلۇم مۇزىكا بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغىنى رىتىم بىلەن رىتىملار ئارىسىدىكى جىمجىتلىقتىن شەكىللەنگەن تۇيغۇدىن ئىبارەت . ئۇنداقتا كىشىلەر مەلۇم مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا ئۇلاردا نېمە ئۈچۈن تۈرلۈك تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ ؟ بۇنىڭغا مېڭە دولقۇنى ھەققىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچە ئارقىلىق جاۋاپ بىرىشكە بولىدۇ . 

مېڭە دولقۇنى

توردىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ،1924- يىلى گېرمانىيە روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ھانس بېرگېر 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارىلىق گالۋانومېتردىن پايدىلىنىپ، باش سۆڭىكى زەخمىلەنگەن بىمارنىڭ مېڭە دولقۇنىنى ئۆلچىگەن .  1925- يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم ئوغلىنىڭ چوڭ مېڭىسىدە پەيدا بولغان مېڭە دولقۇنىنى تەكشۈرۈگەن . 1926- يىلى يەنە سىمون بالىلار شىركىتىنىڭ گالۋانومېتىرىدىن پايدىلىنىپ مېڭە دولقۇننى بايقىغان ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما دەپ نام بەرگەن . شۇنىڭدىن كېيىن 1929- يىلى رەسمىي ھالدا ئىلمىي جەمئىيەتكە دوكلات قىلىنغان . 1934 – يىلى ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئېدىي ئادرىيان ۋە بى ئېچ ماساۋ تەرپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مېڭە دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

مېڭە دولقۇنىنى تەكشۈرۈشتىكى ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما (Electroenncephaloograph, EEEG) بولسا تېببىي ئەسۋابلارنىڭ ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىسىنى خاتىرىلەش ئەسۋابى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ مېڭىسىدە پەيدا بولغان ئاجىز بىئو توكنى باش تېرىسىگە يىغىپ، چوڭايتىپ خاتىرىلەشتىن ئېرىشكەن ئەگرى سىزىق دىياگراممىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئارقىلىق مېڭىگە ئالاقىدار كېسەللىكلەرگە قوشۇمچە دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ . 

لېكىن ئۇ كاشىلىغا ئاسان ئۇچرىغاچقا، كىلىنىكىدا ئادەتتە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ . ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئاساسلىقى تۇتقاقلىق، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

مېڭە دولقۇنى (brainwavve) يەنە مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى پىرامىدا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈكچە تېگىشمىسى ھەرىكىتىدە ھاسىل بولغان ئىئون ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئېلېكتر دولقۇنى سىگنالىدىن ئىبارەت . مېڭە ھۈجەيرىلىرى پەقەت ھەرىكەت قىلسىلا مۇناسىپ بىيولوگىيەلىك توك ھاسىل قىلالايدۇ .  شۇنداقلا بۇ توك ئارقىلىق باشقا مېڭە ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۇلىنىدۇ . 

مېڭە دولقۇنى ھاسىل بولغان چاستوتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ: 

دېلىتا دولقۇنى چاستوتىسى 0.1ھېرتىستىن 4 ھېرتىسقىچە بولۇپ ، يۇشۇرۇن ئاڭ قاتلىمىغا تەۋە بولىدۇ . بۇ خىل دولقۇننىڭ سۈرئىتى ئاستا  ، كۆزنى ھەركەتلەندۈرمەيدىغان ئۇيقۇنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ . 

سېتا دولقۇنى 4 ھېرتىستىن 9 ھېرتىسقىچە بولۇپ ، بۇمۇ يۇشۇرۇن ئاڭ قاتلىمىغا تەۋە بولىدۇ . خاتىرە ، سىزىم ۋە كەيپىياتنى ساقلاپ قالىدۇ . پوزىتىسىيە ، ئارزۇ ، ئىشەنچ ، قىلمىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ .  بۇ خىل دولقۇن ئىجادىيەت ۋە ئىلھامنىڭ مەنبەسى بولۇپ ، غەرىق ئۇيقۇدا چۈش كۆرۈش ، ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدىكى بەدەننى تىڭشاش ، قەلبنى تۇيۇش ، روھى قۇۋىتى كۈچىيىش ،قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى كۆرۈنمەيدىغان نۇرلار كۆرسىتىدىغان شەيئىلەرنى كۆرۈشتەك دەرىجىدىن تاشقىرىيلىققا ئېگە كۆرۈش قۇۋىتىگە ۋە ئاڭلىمايدىغاننى ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش قاتارلىق بىر قاتار ئاكتىپلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېگە .  

ئەلفا دولقۇنى 8 ھېرتىستىن 12 ھېرتىسقىچە بولۇپ ،ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى مېڭىنىڭ چىڭقىلىشىنى بارا – بارا بوشىتىپ ، ئاڭنىڭ ئۇيقۇغا تەسىر قىلىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇدۇ . 

بېتا دولقۇنى  ئۈچ خىل بولۇپ ، بىرىنچى خىلى12 ھېرتىستىن 16 ھېرتىس ،روھى ھالەتنى يەڭگىللىتىدۇ ، ئەمما ئاڭ ماتېرىيالىنى توپلايدۇ . ئىككىنچى خىلى 16 ھېرتىستىن 20 ھېرتىسقىچە بولۇپ ،بۇ دولقۇندا تەپەككۇر قىلىش ،تاشقى دۇنيادىكى سېگىناللارنى قۇبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ، يەنى ئاڭلاش ياكى ئويلاش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئۈچىنچى خىلى 20 ھېرتىستىن 30 ھېرتىسقىچە بولۇپ ، بۇ دولقۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ ، تەشۋىشىلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ . 

گامما دولقۇنى 30 ھېرتىستىن يۇقىرى بولۇپ ، كىشىلەردە ئاڭنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ ، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ ، بەدەننى تىڭشاپ ، ئۆزى بىلەن ئۇچىرىشىشقا تۈرۈتكە بولىدۇ . 

لامبادا دولقۇنى كۆز نۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچىرىغاندا 100MSتىن كېيىن قوزغىلىدۇ . 

P300  دولقۇنى مېڭىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغان نەرسىلەرنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغاندا تەخمىنەن 300MSتىن كېيىن ئېلېكتىر پوتنېسيالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  

مۇزىكىنىڭ رۇلى

بىز دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ مۇزىكىسىدىن بەھىرلەنگەن چېغىمىزدا ، بەزى مۇزىكىلار بىزنى تولىمۇ ئارامبەخشىلىككە باشلاپ كىرىدۇ . مەسىلەن : بىتخوۋېن، مۇزات ، باخ قاتارلىق كىلاسسىك مۇزىكانتلارنىڭ مۇزىكىسى ئۇيقۇسىزلىققا پايدىلىق بولۇپ ، بۇ مۇزىكىلار ئەلفا دولقۇنىغا تەۋە بولىدۇ . 

يەنە بەزى كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن ھاسىل بولغان دولقۇن ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، كىشىگە تەسىر قىلىشچانلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن : كۆك دوناي دەرياسى ، ئاققۇ كۆلى  قاتارلىقلار . يەنە ئادەمنى ئۆلىۋېلىشقا قوزغىتىدىغان چەكلەنگەن مۇزىكىلارمۇ بار بولۇپ ، بۇ مۇزىكىلار ئەينى ۋاقىتتا يىغىۋېلىنغان . يەنە بەزى مۇزىكىلار كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىپ ، كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ ، يەنە بەزى مۇزىكىلار كىشىگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ ، زەيىپلىكتىن جۇشقۇنلۇققا يېتەكلەيدۇ ، يەنە بەزى مۇزىكىلار كىشىنى چوڭقۇر مۇھەببەت قوينىغا باشلايدۇ ، يەنە بەزى مۇزىكىلار كىشىنى مۇڭلاندۇرۇپ ، كۆز ياش تۆككۈزىدۇ . 

شۇڭا ، پىسخىكىلىق داۋالاشتا پاسسىپ ھېسسىياتنى چىقىرىپ تاشلاپ ، بىمارنىڭ روھى ھالىتىنى ياخشىلاشتا مۇزىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . سەنئەتكارلار ئاساسەن ھەسرەتلىك ، پىسخىك زەخمىسىگە ماس كېلىدىغان مۇزىكىلارنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ناچار ھېسسىياتلارنى تازلاپ چىقىرالايدۇ . 

چۈنكى ئۇلار مۇزىكىنىڭ پىسخىكىلىق رۇلىنى ياخشى بىلىدۇ . بەزى ئادەملەر دىلىنى سۇندۇردىغان ئىشلارنى ئەسلىتىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىماستىن بەلكى ، رىتىمى تېز ، مودا مۇزىكىلارنى تىڭشايدۇ . بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋاقىتلىق بولۇپ ، پاسسىپ ھېسىياتلارنى تازلاپ ، پىسخىكىلىق داۋالاشقا ھېچقانداق ياردىمى بولمايدۇ . ئۇنداقتا مۇزىكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز قانداق قىلىپ مېڭىگە تەسىر قىلىدۇ؟

دولقۇننىڭ توپلىنىشى

ئاڭلاش سەزگۈ ئەزاسى بولغان قۇلاق _ قۇلاق سۇپىرىسى ، تاشقى قۇلاق يولى ، ناغرا پەردە ، ئاڭلاش كىچىك سۆڭىكى ۋە ئىچكى قۇلاقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، قۇلاق سۇپىرىسىنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى توپلاش رۇلى بار . يەنى بىز مەلۇم مۇزىكىنى تىڭشىغاندا ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان دولقۇن توپلانغاندىن كېيىن يوقاپ كەتمەستىن بەلكى تاشقى قۇلاق يولى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالىدۇ . 

ناغرا پەردە ساقلىنىپ قالغان دولقۇننى ئىچكى قۇلاققا يەتكۈزۈدۇ . ئىچكى قۇلاقتىكى ئاڭلاش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى نېرۋا ئىمپىلوسىنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ نېرۋا ئىمپىلوسى ئاخىردا ئاڭلاش سەزگۈسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . شۇڭا ، بىز مەلۇم مۇزىكىنى تىڭشىغاندا ، ئۇنىڭدىكى دولقۇن ئاڭلاش سەزگۈ ئەزايىمىز ئارقىلىق مېڭىمىزگە يەتكۈزۈلۈپ ، ئاخىرىدا بىزدىكى ھېس – تۇيغۇغا تەسىر قىلىدۇ . 

ئىگو ئاۋازى

بۇرۇن بىر ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ مەھەللىسىدە كېچەيۇ – كۈندۈز شاۋقۇن – سۈرەن ئۈزۈلمەيدىكەن . شۇڭىلاشقا بۇ ئادەم ھەركۈنى كېچىسى بۇ شاۋقۇن – سۈرەنلەر تۈپەيلىدىن ئۇخلىيالمايدىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئادەم بۇنداق شاۋقۇن – سۈرەنگە زادىلا چىدىيالماي دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، شۇ يەردە تۇرۇپتۇ ھەمدە دوستىغا مەھەللىسىنىڭ ئىنتايىن شاۋقۇن – سۈرەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . 

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بىرىنچى كېچىسى بۇ مەھەللىنىڭ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكىدىنمۇ شاۋقۇن – سۈرەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، دوستىغا : مەن مەھەللەمنى ئىنتايىن شاۋقۇن – سۈرەنلىك دەپ سېنىڭ مەھەللەڭگە كۈچۈپ كەلسەم ، بۇ يەردە تېخىمۇ كۈچلۈك شاۋقۇن – سۈرەن بار ئىكەنغۇ ،- دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دوستى ئۇنىڭغا : مەن مەھەللەمدىكى بۇ ئاۋازلارنى ياقتۇرىمەن ، چۈنكى مەن مۇھەببەت بىلەن ئاڭلايمەن ،- دەپتۇ . 

بۇ ھېكايىنى پىسخىكىلىق تەھلىل قىلساق ، ئادەمنىڭ مېڭىسىدە ئىگو ھەرخىل ئاۋازلارنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ئاۋازلار مېڭىدە ئادەمگە توختىماي سۇئال قويىدۇ ، توختىماي مەلۇم خىل كەيپىيات بۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدۇ ، بۇ بىر قانچە ئادەم كەينى – كەينىدىن گەپ قىلغان ھالەتكە ئوخشاپمۇ قالىدۇ . بۇنى بىز مايمۇن ئاۋازى دەيمىز . مايمۇن ئاۋازى ئادەمدە ھەرخىل چارچاش، قىينىلىش، دېلغۇللۇق ، ئاچچىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ . 

ئەمىلىيەتتە ئادەملەر تاشقى دۇنيادىكى شاۋقۇن – سۈرەن تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى مېڭىدىكى مۇشۇ مايمۇن ئاۋازى تۈپەيلىدىن چارچايدۇ ، قىلىۋاتقان ئىشى دەخلىگە ئۇچرايدۇ . مەسىلەن : سىز كىتاب ئوقۇۋاتىسىز ، لېكىن كۆڭلىڭىزدە مەلۇم ئىشقا قارىتا بىر خىل پاراكەندىچىلىك بار ، شۇ ۋاقىتتا يەنە ئەتراپىڭىزدا مەلۇم ئادەم ياكى مۇزىكا تىڭشىدى ، ياكى يۇقىرى ئاۋازدا باشقىلار بىلەن سۆزلەشتى ، سىز بۇ چاغدا دەرھاللا ئۇ ئادەمگە كىتاب ئوقۇشىڭىزغا دەخلى قىلماسلىقىنى ئېيتىسىز . ھەمدە دىققىتىڭىزنىڭ چېچىلىپ ، كىتاب ئوقۇشىڭىزغا كاشىلا بولۇۋاتقىنىنى بۇ ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئويلايسىز . 

يەنە ئوخشاشلا سىز بىرىلىپ كىتاب ئوقۇدىڭىز ، ئەتراپىڭىزدا ئادەملەر مۇزىكا ئاڭلىدى ، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلاشتى ، يېنىڭىزغا كېلىپ ناخشا ئېىتتى ، ئەمما سىز ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭىز . چۈنكى سىزنىڭ مېڭىڭىزدىكى ئىگو ئاۋازى كىتابتىكى ۋەقەلىكنىڭ دىققىڭىزنى يىغىشى تۈپەيلىدىن ئاڭلانمىدى . شۇڭا ، بىز ئاڭلاۋاتقان تاشقى دۇنيادىكى شاۋقۇن – سۈرەنلەر مېڭىمىزدىكى ئىگو ئاۋازىغا ماس ھالدا بىزنىڭ چارچاشلىمىز ۋە دەخلىگە ئۇچىرىشىمىزغا ئەقلىيلەشكەن سەۋەب شەكىللەندۈرۈدۇ . 

ئىگو ئاۋازى قانچە كۈچلۈك بولسا ، كىشىلەر شۇنچە ئاچچىقلىنىدۇ ، تەشۋىشلىنىدۇ ، ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولىدۇ . بۇ ئاۋازنى ئاڭلاتمايدىغان يۇقىرى ئاۋازدىكى ناخشا – مۇزىكىلار چىقىدىغان كۇلۇب ، سۇرۇنلارغا بېرىپ ، ۋاقتىنچە ئارام تاپماقچى بولىدۇ . ئەمما ئىگو ئاۋازى يەنىلا يوقىمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا بىز ئوخشاش بولمىغان دولقۇن پەيدا قىلىدىغان مۇزىكىلارنى تىڭشاش ئارقىلىق ئىگو ئاۋازىنى بارا – بارا پەسەيتىپ ، روھى ھالىتىمىزنى ياخشىلىساق بولىدۇ .

2021- يىل 12- ئاي

本篇文章来源于微信公众号 : Tun Guli