
قاتىل يوقاپ كەتتى!
مىكى سپىلان، ماكس ئېلىن كولىنس (ئامېرىكا)
جاسارەت تاش تەرجىمىسى
ئاپتۇر ھەققىدە :
2006- يىلى 6- ئايدا، مىكى سپىلان ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن خوتۇنىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيدىن بىر بايلىق تېپىلىدۇ. سىز تېپىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ماكسقا تاپشۇرۇپ بېرىڭ، قانداق قىلىشنى ئۇ ئۆزى بىلىدۇ» دېگەن . ئۇ تىلغا ئالغان ماكس مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى، «دوزاخقا تۇتاشقان يول» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ماكس ئېلىن كولىنس ئىدى. بۇ چاغدا، كولىنس سپىلاننىڭ ئەسەر ھوقۇقى قوغدىغۇچىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئەمدىلا بوشانغانىدى.
ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى، مەسىلەن، «ھورۇنلۇقنىڭ خەتىرى» ناملىق كومېدىيلىك ئەسەر ۋە بىر مۇنچە توپلاملارنى سپىلان بىلەن بىرلىشىپ يازغان. سپىلاننىڭ 2007- يىلى «چىگىش جىنايەت دېلولىرى نەشرىياتى» نەشر قىلغان «ھالاكەت كوچىسى» ناملىق رومانىنىمۇ ماكس ئېلىن كولىنس تەھرىرلىگەن ۋە ئۇنىڭ داۋامىنى يازغان. ئوقۇرمەنلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، پات ئارىدا نەشردىن چىقىدىغان چاتما رومان «ھورۇنلۇق بولقىسى»نىڭ بىرى ھېسابلانغان «ئىسكىلىت» ناملىق ئەسەرنىڭمۇ داۋامىنى كولىنس يېزىپ تاماملىغان. سپىلان تېخى يېزىپ تاماملانمىغان، لېكىن ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئورىگىنالىنى قالدۇرۇپ كەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە باشتىكى بىر نەچچە بابى يېزىلىپ داۋامى يېزىلمىغان ئالتە توملۇق چاتما رومان «ھورۇنلۇق بولقىسى»، بىر قىسىم ھېكايىلەر ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بار. «ئېلىرى كۋىن ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر ژۇرنىلى» كولىنس ئەپەندى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «قارا نىقاب» سەھىپىسىدە سپىلاننىڭ ھېكايىسىنى قايتا ئېلان قىلماقچى بولغان، لېكىن ئۇلار سپىلاننىڭ بۇ ژۇرنالدا ھېچقانداق ئەسەر ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ھەيران قالغان. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى سپىلاننىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىپ: «مىكى سپىلاننىڭ ئەسەرلىرىدە باشقا يازغۇچىلار تەقلىت قىلالمايدىغان بىر خىل كۈچ بار» دېگەن. «قاتىل يوقاپ كەتتى!» ناملىق بۇ ھېكايە سپىلان تەخمىنەن 1953- يىلى يازغان بىر رادىئو درامىسىدىن تاللىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا سپىلاننىڭ شۇ دەۋردىكى ئىجادىي ئۇسلۇبى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان.
ـــ تەرجىمە قىلغۇچىدىن
يالغۇز تۇرىۋاتىمەن . يەككە- يېگانە تۇرىۋاتىمەن. يالغۇز تۇرىۋاتقىنىمغا قانچىلىك بولدى؟ مېنىڭ كەينىمدە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىكى قەھرىمان بولۇشنى ئويلىغان ئادەم بۇ يەردە مېنى قانچە ئۇزۇن ساقلىدى؟
ئۇلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلارغا قاراپ بېقىڭ، ئاۋۇ دېرىزىدىن قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىرتتا تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
ئۇلار بىر توپ زوراۋانلار.
ياق، غەزەبلەنگەن زوراۋانلار ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن سەۋرچان زوراۋانلار بىر قاتىلنى ئۆلتۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئۇ قاتىل دەل مەن.
ئۇلار مېنىڭ نەچچىنچى قەۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت، ياشاش ئىمكانىيىتى ھەم قېچىش يولى بولمىغان بۇ بىنانىڭ مەلۇم يېرىدە بىر قاتىلنىڭ، قاچىدىغان يولى يوق، رەھىمسىز ھەم قورقۇنچلۇق قاتىلنىڭ بار ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار سەۋرچانلىق بىلەن كۈتمەكتە، ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا. ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا. مەن مەڭگۈ قېچىپ كېتەلمەيمەن.
ئۇلار مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ، كۆڭلىدە بىر جەسەتنى ئۇچرىتىشتىن باشقا ھېچنېمىنى ئارزۇ قىلمايدۇ. ئۇلار قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، لېكىن بۇ بىنادا مەيلى كىم ئۆلسۇن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان ھەم ئۆزلىرى ئۆلۈمگە قىستىغان ئادەم شۇ ھېسابلىنىدۇ…
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ــ قەھرىمان بولۇشنى كۆزلىگەن بىر ساقچى ئوتتۇرىغا چىقىپ، مېنى تۇتۇۋېلىشى مۇمكىن. تۇتالماسلىقىمۇ مۇمكىن. تاپانچامدا يەنە ئۈچ پاي ئوق بار. بەلكىم ئىككى ئادەم كېلەر، ئىشقىلىپ ئادەم كەلسىلا، جەزمەن بىر ئادەم ئۆلىدۇ.
بەلكىم ھېلىقى قەھرىمان ئۆلەر ياكى مەن ئۆلەرمەن.
مەن دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ، كۆك فورما كىيىۋالغان ھېلىقى زوراۋانلارغا كۆز ئۈزمەستىن قاراۋاتىمەن، چەكسىز قاراڭغۇلۇق خۇددى كېپەنگە ئوخشاش مېنى ئوراپ تۇرماقتا، كۆك فورما كىيىۋالغانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ قەھرىمان بولۇشقا بەل باغلاپ، قاپقارا تۆشۈكلۈك قورالىنى خۇپىيانە بىر يەردىن تەڭلەپ مېنى ئېتىشقا تەقەززا بولىۋاتقانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان.
مەن بۇنى بۇرۇنلا چۈشەنسەم بولاتتى.
ياشاشتىن ئۈمىد يوق . قېچىپ قۇتۇلىدىغان يولمۇ يوق . يەرگە كولانغان بىر ئازگال ــ مەلۇم بىر يەرگە كولاپ قويۇلغان قەبرىدىن باشقا ھېچنېمە يوق . دۇرۇس، مەن بۇنى بۇرۇنلا چۈشەنسەم بولاتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى، چاۋشيەننىڭ پاتقاق شاللىقلىرىدا يۈرگەن چاغلىرىمدىلا، مۇشۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلسام بولاتتى. بۇنىڭدىن خېلى ۋاقىت ئىلگىرى دېزىنفېكسىيىلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان دوختۇرخانىنىڭ زالىدا تۇرغان چېغىمدىلا، مۇشۇنداق قىسمەتنىڭ ئاخىرى كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنسەم بولاتتى. ئەينى چاغدا، ھازىرقىدەك ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتسەم بولاتتى .
ۋاھالەنكى ــ ياق، گرېس شۇ يەردە بەيدا بولغۇچە ئۇنى كۈتۈپ ئولتوردۇم .
مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنىڭ سىرتىدىكى گرېس. سەككىز يىل ئىلگىرىكى گرېس. ماڭا بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلگەن ھەم مېنى يوقلاپ كەلگەن بىردىنبىر قىز ــ گرېس. مەن سىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن. ئۇزۇنغا بارمايدىغان مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە سىزنى ئەسلەشتىن باشقا ئىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. سىز سالماق قەدەم تاشلاپ دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلگەن ھېلىقى سەھەرنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەيمەن…
ئۇلار مېنى دېرىزىسىگە تۆمۈر سالاسۇن ئورنىتىلغان كىچىك بىر كېسەلخانىغا يۆتكىدى. كارىۋات بىلەن ئىشكاپ ئارىسىدىلا مەن ھەرىكەت قىلالايدىغان كىچىككىنە بوشلۇق بار. ئۇچامدىكى ئۇزۇن خالات سالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆك خىزمەت فورمىسى ــ كۆك رەڭلىك بىر كۆڭلەك كىيدۈرۈلدى، ئايىغىمغا بوغقۇچسىز كەش كىيدۈرۈلدى. بۇ تۈرمە ئەمەس. لېكىن تۈرمىدىن قېلىشمايدۇ.
مەن دېرىزە يېنىدىكى بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرىمەن، يېنىمدا ھېلىقى دوختۇر ــ قىرىق ياشلار چامىسىدىكى، قاقشال دەرەختەك ئورۇق ئەبلەخ بار. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن كۆكۈش كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايمەن. ئۇمۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
ــ ھوشىڭىزنى يوقاتقان چاغلاردىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ باقسىڭىز.
ــ ئەمىسە ئەسلەپ باقاي.
ــ شۇ چاغدىكى ئىشلارنى راستىنلا ئەسلىيەلمەمسىز؟
مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم:
ــ مېنى نېمىشقا بىئارام قىلىسىز؟ مېنىڭ ھوشۇمنىڭ قانداقلىقى ئىككىلىمىزگە ئايانغۇ.
ــ دېۋىن ئەپەندى… تېرى… بىز بۇ يەرگە سىزگە ياردەم قىلغىلى كەلدۇق.
ــ شۇنداق، شۇنداق. ئەمىسە مېنىڭ بۇ جىن تەگكەن يەردىن چىقىپ كېتىشىمگە ياردەم قىلىڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، كۆزۈمدىن يوقىلىڭ. مېنى بىردەم يالغۇز قويۇڭ.
ــ ھېلىقى، ــ دېدى ئۇ سالماق قىياپەتتە، ــ ھوشىڭىزنى يوقىتىشتىن ئىلگىرى قاتتىق غەزەپلەنگىنىڭىز ھەققىدە…
ــ قاراڭ، دوختۇر، قانداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن. مەن شۇ ئەقلىمدىن ئازغان، غەزىپىم ئۆرلەپ كەتكەن. خۇددى ئاچچىقتىن پارتلاپ كېتىدىغاندەك بولۇپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىغان. يېنىمدىكى كارىۋاتتا يېتىۋاتقان ھېلىقى ئەبلەختىن سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە دەپ بېرىدۇ. ئىلگىرى ئۇلارنى ھەممەيلەن پارتلاش سەۋەبىدىن شوك بولۇپ قالغان دېگەن. كېيىنچە ئۇلار سەل ئەدەبلىك بولۇپ قېلىۋىدى، ئەمدى ئۇرۇشتىن چارچاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دېيىلىۋاتىدۇ. ئاۋۇ كارىۋاتتا يېتىۋاتقان ئەبلەخ بەك ئەقىللىق ئىكەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مەن قورقۇنچاق ھاراملىق ئىكەنمەن، مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان كېسەلخانىدا مەڭگۈ يېتىشقىلا مۇناسىپ كېلىدىكەنمەن.
ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرۈيدىغان بۇ ئەبلەخ ــ ھېلىقى دوختۇر زۇۋان سۈرمىدى.
ــ شۇنداقتۇ، دوختۇر؟ گەپنى ئۇدۇللا دەۋىرىڭ. مەن ھازىر يەرگە ماتراسلار سېلىنغان، دېرىزىسىگە تۆمۈر سالاسۇن ئورنىتىلغان، ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ تۇرىدىغان ئېغىر روھىي كېسەللەر كېسەلخانىسىدا تۇرىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن. بىز ھەرقانداق يېمەكلىك يېسەك قوشۇق ئىشلىتىمىز.
مەن ھېلىقى دوختۇرغا ۋارقىراپ- جارقىراۋاتقان چاغدا، ئالاھەزەل يىگىرمە بەش ياشلارغا كىرگەن ئەر كۈتكۈچى كېسەلخانىغا كىردى.
ــ ئىشىڭنى قىل! كۆزۈمدىن يوقال! مەن سېنىڭ جاجاڭنى بەرمەستە، بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! مەن سەندىنمۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان بۇ دوختۇرخاناڭدىنمۇ جاق تويدۇم!
ــ دوختۇر، سىزگە ياردىمىم كېرەكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەر كۈتكۈچى.
ــ ياق، ياق، كېرەك ئەمەس، ــ دېدى دوختۇر ئەر كۈتكۈچىگە بۇرۇلۇپ قاراپ. ئارقىدىنلا يەنە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىغىنىچە سۇس تەبەسسۇم قىلدى، ــ بوپتۇ، تېرى، چىقىپ كەت دېسىڭىز، مەن چىقىپ كېتەي. بىراق، كېيىنچە سىز بىلەن يەنە سۆزلىشىمەن.
ــ ھە، كەچۈرۈڭ، دوختۇر، ــ دېدى ھېلىقى ئەر كۈتكۈچى، ــ بىر ياش خانىم كەپتىكەن، دېۋىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىمەن دەيدۇ.
دوختۇر ئۇنىڭغا قاراپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە قايتۇرۇپ سورىدى:
ــ ياش خانىم؟
ــ ئۇ سوتنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.
ھېلىقى سالماق دوختۇر ئۇشتۇمتۇت ئالاقىزادە بولدى- دە، تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئاچچىقلاپ كەتتى.
ــ ئەخمەقلەر، ــ دېدى ئۇ غۇدۇڭشۇپ، كەينىدىنلا سۆزلەشكە باشلىدى، ــ ئۇلار نېمە بولغاندۇ؟ زادى قانداق قىلغاندا ئاندىن چۈشىنىدىغاندۇ؟
ئارقىدىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆكۈش كۆزلىرىگە قاراپ، «بۇ تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىشىكىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىپ، بۇ يەردىكى ئەخمەقلەر چۈشىنىپ بولغىچە، مەلۇم بىر ئادەمنى تۈگەشتۈرمىسە بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
ــ ئۇ قەيەردە؟ ــ دەپ سورىدى دوختۇر.
ــ زالدا ساقلاۋاتىدۇ.
ــ ئۇنى باشلاپ كىرىڭ، ــ دوختۇر شۇنداق دەپلا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىغاندىن كېيىن ، ــ بايىقى گەپلەرنى ئاڭلىغانسىز، تېرى، ئۇنىڭ دېگەن گېپىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ــ دېدى.
ــ ھەئە، ئاڭلىدىم. ئاغرىنماڭ، دوختۇر، سىز مېنى بۇ يەرگە مەڭگۈ قاماپ قويالمايسىز. ھېلىقى خانىم كىم ئىكەن؟
ئۇ ناھايىتى سىيلىق تەلەپپۇزدا زەھەردەك ئاچچىق گەپ قىلدى:
ــ مەيلى كىم بولسا بولسۇن، ئۇ بىر ئەخمەق.
ئۇ ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى سېرىق چاچلىق قىز ئىدى، ئۇچىسىدىكى سېرىق كىيىمىنىڭ پاسونى ئۇنىڭغا ئانچە ياراشمىغان بولسىمۇ، لېكىن قەددى- قامىتى تولىمۇ جەلبكار ئىدى. بۇ ئۆيدىكى ئەبلەخلەرنىڭ ھەممىسى ساراڭ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ساراڭلىقتا ۋارقىراپ- جارقىراپ ئالەمنى مالەم قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەنىدى. ھېلىقى ئەبلەخلەر كەينى- كەينىدىن تەلۋىلەرچە سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ ئاۋۇ ئايالغا ئوبدان قاراپ بېقىڭلار!
ــ ھوي، بورادەر!
ــ بىرەيلەننىڭ ئامىتى ئوڭدىن كەپتۇ!
ــ قايسىڭلار سېيېر دوختۇر بولىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى ھېلىقى قىز يېقىملىق تەلەپپۇزدا، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىغىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ماڭا مۈشۈكنىڭ مىياڭلىشىدەك تونۇش ئاڭلاندى.
دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغىراق باردى- دە:
ــ مەن شۇ، ــ دېدى
ــ مېنىڭ ئىسمىم گرېس ۋولىش. مەن سىزنىڭ كۈتكۈچىڭىزگە….
ــ ئۇ ماڭا ئېيتتى. سوتنىڭ بۇيرۇقىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇ سوتنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ دوختۇرغا بەردى. دوختۇر بۇيرۇققا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
ــ ۋولىش خانقىز، ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ بىر دەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، دوختۇر، ــ دېدى ئۇ ماڭا تېخىچە نەزەر تاشلىماي.
ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى، لېكىن ئىشىك قىيا ئوچۇق ئىدى. مەن ئىشىك يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدىم.
ــ ۋولىش خانقىز، سىز بۇ يەرنى تۈرمە چاغلاپ قالغان ئوخشايسىز.
ــ ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
ــ بۇ دېگەن دوختۇرخانا.
ــ بىلىمەن، بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار. ئۇلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئاجىز يەرلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىدا مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ. بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئاق، پاك ھەم ئىنتايىن سۆرۈن. گاھى چاغلاردا ئازغىنە چۈشىنىش ياكى تېخىمۇ سەمىمىي مېھرىبانلىق ئىلىم- پەن ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغان نەرسىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن.
دوختۇر خۇرسىنىپ قويۇپ مۇنداق دېدى:
ــ تېرى دېۋىن بۇ دوختۇرخانىدىن كەتسە بولمايتتى، ھازىرچە بولمايتتى.
ــ ئۇنىڭ كېسىلى بارمۇ؟
ــ يوق… بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
ــ ئۇنىڭ ئەس- ھوشى جايىدىمۇ؟ …ھە، ئۇ مۇشۇنداقمۇ؟
ــ سىز ئانچە بىلمەيدىغان ئوخشايسىز، ۋولىش خانقىز.
ــ ئانچە- مۇنچە بىلىمەن، دوختۇر. سىز ئالدىراپ- تېنەپلا نېمىنىڭ ئەس- ھوشى جايىدا، نېمىنىڭ ئەس- ھوشى جايىدا ئەمەس ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايسىز. ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈم قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، سىز نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر، ئۇنى مۇشۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلايسىز. سىز نەتىجىگە ئېرىشكەن چاغدا، ئۇنىڭ ئەس- ھوشىنىڭ جايىدا ياكى جايىدا ئەمەسلىكىدە ھېچقانداق گۇمان قالمايدۇ، پەقەت سىز ئۆز خاھىشىڭىز بويىچىلا ئۇنىڭغا مەلۇم بىر بەلگىنى چاپلاپ قويىسىز. ياق، دوختۇر، تېرى بۇرۇن قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىكەن. خۇددى ئۆزىڭىز بايا ئېيتقاندەك، بۇ يەر تۈرمە ئەمەس، مەن ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم. بىلەمسىز، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ گەپنى چۈشىنىش شۇنداق قىيىنمۇ؟
ــ سىز بەك ئەخمەقكەنسىز، ناۋادا…
ــ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم بولامدۇ؟
ــ بولىدۇ. مەن بىرەيلەنگە ئۇنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بېرىشنى تاپىلاپ قوياي، ــ ئۇ يەنە بىر قېتىم خۇرسىنىپ قويدى، ــ سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسىلا، ئۇنى نازارەتچىنىڭ ئىسپاتنامىسىگە قول قويدۇرۇپ، ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
مەن دوختۇرنىڭ زالدا «تاق- تاق» قىلىپ مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ھاپىلا- شاپىلا دېرىزە يېنىدىكى ھېلىقى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم .
گرېس كېسەلخانىغا كىردى، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشقان بولسىمۇ، لېكىن بايىقىدەك تەلۋىلەرچە سۆزلەپ كەتمىدى. ئۇ يېقىن كېلىپ، مېنىڭ يېنىمدىكى ھېلىقى بوش ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا توختىدى- دە، يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن:
ــ تىنچلىقمۇ، تېرى، ــ دېدى.
ــ تىنچلىقمۇ، گرېس.
ــ ئەمدى بىز كەتسەك بولىۋېرىدۇ.
مەن ئاخىرى كۈلدۈم:
ــ سىز بارلىق قىزلارنىڭ ئىچىدە، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىردىنبىر قىز. مەن مۇھەببەت ئىشلىرىدا كۆڭلىڭىزگە قاتتىق ئازار بەرگەن، لېكىن يەنىلا قايتىپ كەپسىز. مېنى چوقۇم ئۆلگۈدەك ئۆچ كۆرىدىغانسىز.
ئۇ ھېلىقى بوش ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئۇنىڭ تەبەسسۇمى خۇددى قاتمۇ- قات بۇلۇتلارنى يېرىپ چىققان قۇياشقا ئوخشايتتى.
ــ بىز تولىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، مەن بېشىڭىزدىن قانداق ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىمەن، يەنە كېلىپ، سىزنى قايتىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدىغىنىمغا ئىشىنىمەن، تېرى. مەن… ناۋادا زۆرۈر تېپىلسا، سىز ئۆزگىرىپ قانداق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن. سىزگە ئېرىشەلىسەملا، ماڭا مۇشۇ كۇپايە، ــ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىۋېتىپ قوشۇپ قويدى، ــ سىزنى سىرتتا ساقلاپ تۇراي، تېرى.
شۇنىڭ بىلەن، بىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ، باش يازنىڭ ئەتىگىنىدىكى پارلاق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدۇق، ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلۇپ كېتەي دەپ قالغان كېچە- كۈندۈز قوينىغا، رەڭگا- رەڭ دۇنياغا قەدەم قويدۇق، ئاق رەڭ ئۇ يەردە پەقەت بىر سۆزلۈك، دېزىنفېكسىيىلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ ناتونۇش پۇرىقىلا ئىدى.
بۇ دۇنيادا، سەن بىر قىزنىڭ بېلىكىدىن يېتىلەپ ماڭالايسەن ھەمدە بۇنىڭدىن خېلى ۋاقىت ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىلغان- ئەتكەنلىرىڭنى ئۇنىڭ ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيسەن…
ئۇنىڭ باغچىنىڭ سىرتىدىكى كىچىك ئۆيى مەن ئاخىرقى قېتىم بارغان چاغدىكىگە ئوخشاش ئىدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايتتىم، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز پېتى تۇرۇشىنى تىلەيتتىم. مېھمانخانىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىن پىئانىنو بىلەن ئورۇندالغان جاز مۇزىكىسىنىڭ ياڭراق ناۋاسى ئاڭلاندى، بۇ ماڭا خۇددى «بىرەيلەن بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن كېلىپ بولدى» دېگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
ــ ئۇ كىم؟ ــ دەپ سورىدىم مەن.
ــ جوي، مېنىڭ كىچىك ئىنىم، ــ دېدى گرېس كۈلۈمسىرەپ، ــ ئۇ چوڭ بولۇپ كەتتى. جوي، قەدىرلىكىم، بۇ ياققا كەلگىن…
ئۇ ناھايىتى ئېگىز، گەۋدىلىك بولسىمۇ، چىرايى كىچىك بالىلارنىڭكىدەك ئىدى. جوي ۋولىش ئاستا مېڭىپ كەلدى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا پىئانىنو چېلىشقا تولىمۇ ماھىر ئىدى، ئەمدىلىكتە مۇزىكا ساھەسىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا قىسقا يەڭلىك ئاق كۆڭلەك، كەڭ ئىشتان، پۇتىدا تۈز پاشنىلىق قارامتۇل كەش بار ئىدى.
ــ ۋوي، تېرى! ــ دېدى ئۇ ماڭا سالام بېرىپ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شۇنداق يۇقىرى ھەم جاراڭلىق ئىدى، ــ سىزنى كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
ــ ئىنىم، قالتىس بوي تارتىپسەن جۇمۇ، ــ دېدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ، ــ ئۆتكەن قېتىم مەن سېنى كۆرگەندە، سەن تېخى بالىلارنىڭ ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتىنى مىنىپ يۈرەتتىڭ.
گرېس ئىنىسىنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ ھازىردىن باشلاپ، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادىمى بولدى. تېرى، ئۇنىڭ بويى ئېگىزمىكەن؟ بويى ئېگىز بولسىمۇ، ئۇنى قۇچاقلىسام بولىۋېرىدۇ، ــ دېدى.
گرېس مېھرىبانلىق بىلەن ئىنىسىنى قۇچاقلاپ قويدى.
ــ بىراق، ــ دېدى گرېس يالغاندىن پوپۇزا قىلىپ، ــ ناۋادا ئۇ تاپتىن چىققان ئىشلارنى قىلىدىغان بولسا، ئۇنى راسا دۇمبالايمەن.
ــ تېرى، چاپىنىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، ــ دېدى جوي، ئاندىن ئاچىسىغا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلدى، ــ بىز پاراڭلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.
ــ جوي، ــ دېدى گرېس ئەيىبلىگەن ئاھاڭدا، ــ بۇنىڭدىن كېيىن…
ــ ھېچقىسى يوق، گرېس، ــ دېدىم مەن ئۇلارنى تاكاللىشىپ قېلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ــ بىزنىڭ گېپىمىز بىر يەردىن چىقىدۇ. ئاۋۋال سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ باقاي، جوي.
بىز دىۋاندا ئولتۇردۇق.
ــ ھەي، ــ دېدى جوي گەپ باشلاپ، ــ ھېچقانداق ئىش ماڭا نېسىپ بولمايدۇ. ئۆتكەن قېتىم ئۇرۇش بولغاندا، ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا يېشىم توشمىغان، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىدىم، ئەمدى پىئانىنو چېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزگىنىم ئەۋزەل ئوخشايدۇ.
ئاشخانىدىن گرېسنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ! ئۇ ئادەمنى كولدۇرلىتىشقا ئۇستا. كوپا ئوركېستىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولىۋاتىدۇ، بىر ۋاسىتىچى ئۇنى ئوركېستىرغا كىرسە بولىدۇ، دېدى.
ــ پاھ! ــ دېدىم مەن زوقلىنىپ، ــ بۇ تولىمۇ كاتتا ئىش جۇمۇ. ئاچاڭ كەچلىك تاماقنى تەييار قىلغۇچە ماڭا بىرەر پەدە چېلىپ بەرگىن، بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ. قايسى مۇزىكىنى ئاڭلىغۇڭىز بار؟
ــ سەن بۇرۇندىن تارتىپ گېرشۋىن① نىڭ مۇزىكىلىرىغا مەستانە ئىدىڭغۇ.
ــ ماقۇل، شۇنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىپ بېرەي .
ئۇ «ياز» ناملىق مۇزىكا بىلەن ««برۇس راپسودىيىسى»دىن ئارىيە چېلىپ بەردى، كەينىدىنلا يەنە ئۆزى ناھايىتى ھەسرەتلىك دەپ قارىغان بىر نەچچە مۇزىكىنى چالدى، دېمىسىمۇ بۇ مۇزىكىلار ناھايىتى مۇڭلۇق، يېقىملىق ئىدى، لېكىن ئادەمگە زۇلمەت ئىچىدە تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى…
مانا بۇ سەن ئۆيدە بولغان تۇنجى كېچە ئىدى، لېكىن سەن جايىڭدا ئولتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان چېغىڭدا، تۇرۇپلا بىر خىل قورقۇنچلۇق، تەلۋە تۇيغۇغا كېلىپ قالدىڭ، بۇ تۇيغۇ سېنىڭ ئاڭ- ئىدرىكىڭنى ئاڭسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇندى، بۇنداق ئاڭسىز ھالەت يەنە نورمال ئەقىل- ئىدراكنىڭ تەرتىبىنى بۇزىۋەتتى… لېكىن، سەن گرېس ھەم ئۆزۈڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاجايىپ ھېسسىياتىڭنى خىيال قىلغىنىڭدا، بۇنداق قالايمىقان تۇيغۇ غايىپ بولدى.
بۇ پەقەت بىر دەملىكلا تۇيغۇ ئىدى.
ئۇنداق قالايمىقان تۇيغۇ پەقەت كېچىدىلا قايتا بىخلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن، سەن ئۇيغۇدىن ئويغىنىپ، چىرقىراپ سالماسلىق ئۈچۈن خېلى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىسەن. دەرۋەقە ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ، قوشنا ھوجرىدىكى ھېلىقى چىرايلىق ئايالنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ، چىرقىرىۋېتىش خىيالىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىسەن.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، بەلكىم بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بولۇشى مۇمكىن، سەن ناشتا قىلماقچى بولۇپ ئاشخانىغا كىرگەندە، ھېلىقى ئوماق ئايالنىڭ تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈڭ.
ــ تېرى، ــ دېدى ئۇ قاچا- قۇچىلارنى تاماق ئۈستىلىگە تىزىۋېتىپ، ــ تىنچلىقمۇ.
ــ خەيرلىك سەھەر، ــ دېدىم مەن ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ــ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
ئۇ بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن:
ــ تېرى، سۆيۈملۈكۈم… ئاخشام سىز ئۆيدە بولغانسىز؟ كېچىچە ئۆيدە بولغانسىز؟
ــ ھە، ئەلۋەتتە ئۆيدە بولدۇم. سىز مېنى نەدە بولدىكىن دەۋاتىسىز؟ جوي ئىككىڭلار ئۇ ئىشلىگەن مۇزىكىنى تۈزىتىۋاتقاندا، مەن يېنىڭلاردىن چىقىپ ئۇخلاپ قالدىم ئەمەسمۇ؟
ــ بۇ… بۇنى بىلىمەن. كەچۈرۈڭ، بۈگۈن ئەتىگەن نېرۋام تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ.
ئۇ ماڭا تۇخۇم قورۇمىسىنى سۇنۇپ بەرمەكچى بولىۋاتقاندا، جوي ئاشخانىغا كىرىپ قالدى، ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى:
ــ ھەي، ئاچا! ھەي، سەن بۈگۈن… ــ جوي مېنى كۆرۈپلا دەۋاتقان گېپىنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ ماڭا سالام بەردى، ــ تىنچلىقمۇ، تېرى.
ــ نېمە دېمەكچى ئىدىڭ، بالام؟ قاق سەھەردە نەگە باردىڭ؟
ــ ماگىزىنغا. قانداق… قانداقراق تۇردىڭىز، تېرى؟
ــ ناھايىتى ياخشى. نېمە بولدى؟ ــ مەن نەزىرىمنى ئۇنىڭدىن گرېسقا ئاغدۇردۇم، ــ ئىككىڭلارنى بۇنداق غەلىتە قىلىپ قويغۇدەك زادى نېمە ئىش بولدى؟
گرېس ئۆزىنىڭ تامىقى ئۇسۇلغان تەخسىنى تۇتقىنىچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلدى:
ــ جوي ئىككىمىز سىر ساقلايمىز دەپ، بەكلا جىددىيلىشىپ كېتىپتۇق. قاراڭ… جوينىڭ مۇزىكىلىرى كوپا ئوركېستىرىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئاڭلىشىدىن ئۆتتى.
ــ مەن بۇرۇنلا ئۇنى قولىدىن قالتىس ئىش كېلىدۇ دېگەنغۇ، شۇنداقمۇ؟ ــ مەن بىر يۇتۇم ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىۋېلىپ گېپىمنى داۋام قىلدىم، ــ مۇزىكا كېچىلىكى قاچان ئۆتكۈزىلىدۇ، جوي؟
ــ ئەتىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بىر ئايدىن كېيىن. بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان پۇرسەت.
ــ خىزمەت قىلىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشتۈرىۋالما، بالام. سەن جەزمەن ئۇتۇق قازىنىسەن. سەن ناشتا قىلىۋەر، مەن ھېلىقى گېزىتنى كۆرۈپ باقاي.
ــ گېزىتنى؟ ــ جوي گرېسقا لەپپىدە قاراپ قويدى، ــ ھە، ئۇ گېزىتنى مەن قوشنىمىز بىنغا بېرىۋەتكەن، ئۇ بوكس مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىگە بەكلا قىزىقىدۇ. مەن ناشتا قىلىپ بولۇپ، گېزىتنى قايتۇرۇپ چىقاي.
ــ بولدى، ئۆزۈم چىقىپ يەنە بىرنى سېتىۋالاي، ــ مەن ئالدىمدىكى تەخسىنى ئىتتىرىپ قويۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، ــ ئىككىڭلار ناشتا قىلىۋېرىڭلار، مەن ھايال بولمايلا قايتىپ كىرىمەن، ــ مەن قورسىقىمنى يېنىك ئۇرۇپ قويدۇم، ــ ئازراق يول مېڭىپ، بۇنى سىڭدۈرىۋەتكىنىم ياخشى.
گرېس ئالدىغا تەمشەلدى- دە، گەپ قىلماقچى بولۇپ يەنە توختاپ قالدى:
ــ تېرى…
ــ ئىش بارمۇ؟
ــ … ھە، يوق.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
ــ ئىككىڭلار بۈگۈن ھېلىقى باربى رۇس② تەك غەلىتە بولۇپ قاپسىلەرغۇ. بالام، سەن ئۆزۈڭگە بىر ئايغا سوزۇلىدىغان سەھنىدىن قورقۇش كېسەللىكىنى يۇقتۇرىۋاپسەن، بۇنداق قىلساڭ، ئىشنى بۇزۇپ قويىسەن. بولدى، ئەمدى ئۆزۈڭنى ئازادە تۇت، بولامدۇ؟ ــ دېدىم.
ــ بولىدۇ، ــ دېدى جوي كۈلۈپ تۇرۇپ.
لېكىن ئاچا- ئىنى ئىككەيلەن تېخىچە شۇنداق جىددىيلىشىپ تۇرىۋاتاتتى . زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
مەن كۆرەڭلىگەن قىياپەتتە سىرتقا چىقتىم، يازنىڭ ئىللىق شامىلى يۈزۈمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. تونۇش بىر گەۋدىنىڭ ماڭا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئۇشتۇمتۇت بايقاپ قالدىم، ئۇ دوختۇرخانىدا كىيىدىغان ئاپئاق خالىتىنى كىيمەي، خۇددى ئېسىلزادە سودىگەرلەردەك كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكۈش كۆزى قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەنىدى.
ــ ھوي، سېيېر دوختۇر، ــ دېدىم مەن ئېغىز ئېچىپ، ــ كونا بىمارىڭىزنى تەكشۈرۈپ باقاي دەۋاتامسىز؟
ــ توغرا ئېيتتىڭىز، تېرى، يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
ــ قاراڭ…
ــ بىز كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا پاراڭلىشايلى، تېرى. مەن بۇ يەرگە سىزنى ئازابلىغىلى كەلمىدىم، پەقەت شۇ قىزىقىپ قېلىپلا كەلدىم. سىزنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىڭىز باشقا بىمارلارنىڭ كەلگۈسىگە زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ــ ئەمىسە، مەن تەجرىبە ئۆرنىكىمۇ؟ ھىم؟ ھە، بۇنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. كېلىڭ، بىز ماڭغاچ پاراڭلىشايلى.
دەل شۇ چاغدا يەنە بىر تونۇش چىرايغا ــ دوختۇرنىڭ ھېلىقى ئەر كۈتكۈچىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئاق خىزمەن فورمىسى بار ئىدى. ئۇ يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك «چىۋرولېت» ماركىلىق پىكاپنىڭ يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقىدا ئولتۇراتتى. ئۇ قىسقا چاچ قويۇلغان بېشىنى پىكاپنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىرىپ ۋارقىرىدى:
ــ دوختۇر، كەينىڭىزدىن ماڭامدىم ؟
ــ ئەلۋەتتە، ــ دېدى سېيېر جاۋابەن، ــ مۇشۇنداق ئوبدان ھاۋادا پىكاپنىڭ ئىچىدە ئولتۇرسىڭىز قاملاشمايدۇ- دە.
مەن دوختۇرغا لەپپىدە قارىدىم:
ــ سىز مۇھاپىزەتچى ئېلىۋالاي دەۋاتامسىز؟
ــ ئۆتكەندە ئۇ ماڭا ئەسقاتقان ئەمەسمۇ.
بىز ئالدىمىزغا قاراپ ماڭدۇق، ھېلىقى كۈتكۈچى خۇددى قۇيرۇقتەك بىزگە ئەگىشىپ ماڭدى.
ــ يېقىندىن بېرى قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ ــ دەپ سورىدى دوختۇر مەندىن.
ــ تېپىپ بېقىڭ.
ــ ماقۇل، تېپىپ باقاي ئەمىسە. كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ ئوبدان ئۆتۈۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ كەتتىڭىز. ھازىر سىزنىڭ قارايدىغان، ئىنتىلىدىغان نەرسىڭىز بار. بىراق كېچىلىرىچۇ؟…
ــ سۆزلەۋېرىڭ.
ــ كېچىلىرى، سىزنى يەنىلا ۋەھىمە باسىدۇ. سىزگە ھەممە نەرسە مەنىسىز تۇيۇلىدۇ… يەنە كېلىپ، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى نەرسە يەنە جانلىنىپ كېتىدۇ. سىز كارىۋاتتا ياتقاندا، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ، پۈتۈن ئەزايىڭىز سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ.
ــ كېيىن، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، ــ دېدىم مەن قوشۇمچە قىلىپ، ــ بەخىرامان ئۇخلاپ قالىمەن.
ــ بەخىرامان ئۇخلىيالامسىز؟ ياكى ۋاقتىنچە سېزىمىڭىزنى يوقىتامسىز، تېرى؟ سىز راستىنلا ئۇخلامسىز؟
مەن قەدىمىمنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا تىكىلدىم:
ــ سىز نېمىشقا قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىسىز؟
ــ بۇ مېنىڭ قىياسىم، تېرى.
ــ ئەمىسە، يەنە قىياس قىلىپ بېقىڭ .
بىز يەنە ئالدىمىزغا قاراپ ئازراق يول ماڭدۇق . يولنىڭ بىر بۇرجىكىگە كەلگەندە، بىر ئوغۇل بالا قولىدىكى گېزىتلەرنى ئۇرۇپ قويۇپ سورىدى:
ــ گېزىت ئالامسىز، ئەپەندىم؟
ــ ئالىمەن، ــ مەن ئۇنىڭغا پۇلنى بېرىپ، گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، شۇھامان بىرىنچى بەتنىڭ ئەڭ بېشىدىكى خەۋەرنىڭ «قاتىل يوقاپ كەتتى!» دېگەن ماۋزۇسىنى كۆرۈپ پۈتۈن ئەزايىم مۇزدەك سوۋۇپ كەتتى.
ــ ياندىكى ئاۋۇ سۈرەتكە قاراڭ، تېرى، ــ سېيېر بېشىنى مۈرەمنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ گەپ قىستۇردى، ــ ئۇ ئۆلۈپتۇ، ۋەھشىيلىك بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. ئاخشام بىر ستۇدېنت باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا ئۇنى بايقاپتۇ. قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ يېنىدىن ھېچنەرسىنى ئالماپتۇ، ئۆلگۈچىنىڭ بىرەر دۈشمىنىمۇ يوق ئىكەن. بۇ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەھشىيانە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى. قارىغاندا… قارىغاندا بىر ساراڭ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ.
ــ ساراڭ دېگەن ئۆزىڭىز ، ــ دېدىم مەن غۇدۇڭشۇپ.
ــ مەنمۇ؟
ــ غەلىتە ئىشقۇ بۇ، دوختۇر، مەن ئۇ چاغدا يېتىپ بولغان. ئوخلاي دەپ تۇرغان ئىدىم. گرېس بىلەن جوي…
ــ بىلىمەن. مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم… تېرى، مېنىڭچە…
مەن «كاپلا» قىلىپ ئۇنىڭ كاستۇمىنىڭ قايرىما ياقىسىنى قاماللاپ تۇرۇپ، ئۇنى قاتتىق سىلكىدىم:
ــ مەن ساڭا رېتسىپ يېزىپ بېرەي، دوختۇر، بۇ يەردىن دەرھال كەت. تېز يوقال، بولمىسا ساڭا زىيان- زەخمەت يېتىپ قالىدۇ.
ھېلىقى ئەر كۈتكۈچى ئېتىلىپ كېلىپ ۋارقىرىدى:
ــ دوختۇر، نېمە ئىش بولدى؟
مەن ئۇنىڭ ياقىسىنى قويىۋەتتىم.
ــ ھېچ ئىش بولمىدى، ــ دېدى دوختۇر، ــ تېرى… مەن سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن.
ــ ماقۇل، ئىنتىزارلىق بىلەن يولۇڭغا قارايمەن .
شۇ كۈنى ئاخشىمى ــ ياكى ئەتىسى ئاخشىمى بولۇشى مۇمكىن، پەقەتلا ئۇخلىيالماي، چارچاپ ھالىمدىن كەتتىم. كەيپىياتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىيىمىمنى سالمايلا، پۇت- قوللىرىمنى سوزۇپ ئوڭدا ياتتىم، يەنە بىر دەم كىتاب ئوقۇدۇم، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئېسىمگە كېلەلمىدىم. ھېلىقى كۈنى ئاخشىمىمۇ يەنە شۇنداق بولدۇم.
ئىشىكنىڭ ئەسەبىيلەرچە چېكىلگەن ئاۋازى مېنى ئويغىتىۋەتتى، كەينىدىنلا گرېسنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ تېرى! تېرى! سىز بارمۇ؟ … تېرى!
ئارقىدىنلا جوينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ ئاچا، مەن چاقىرىپ باقاي، تېرى!
ــ مەن بار! ــ دەپ جاۋاب بەردىم-دە، بەدىنىمنى كۆتۈرۈپ ئۇيقۇچان ھالەتتە كارىۋاتتا ئولتۇردۇم، ــ مەن بار. نېمە ئىش بولدى؟ توختاپ تۇرۇڭلار، ــ مەن كەشىمنى كېيىپلا، بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
گرېس ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەكتەك كىيىۋالغانىدى، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشاتتى، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھوشيارلىق چىقىپ تۇراتتى.
ــ سىز… كىيىمىڭىزنى سالماپسىزغۇ؟ ــ دېدى ئۇ.
ــ بەك چارچاپ كەتكەچكە، كىيىمىمنى سالمايلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ــ سىز سىرتقا چىقمىغانسىز؟ شۇنداقمۇ؟ ئۆيدىلا بولغانسىز؟
ــ ئەلۋەتتە، مەن ئۇخلاۋاتاتتىم. ھازىر سائەت نەچچە بولدى؟
ــ سەھەر سائەت ئۈچ بولدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى گرېس.
جوي كېچىلىك كىيىم كىيىۋالغانىدى، ئۇ بالىلارنىڭكىدەك مەسۈم چىرايىغا جىددىي تۈس بېرىپ ماڭا تىكىلىپ قارىدى-دە:
ــ سىز سىرتقا چىقمىغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
مەن نەزىرىمنى گرېستىن جويغا ئاغدۇردۇم، ئاندىن گرېسقا يەنە قارىدىم:
ــ نېمە ئىش بولدى؟
گرېس ئاۋازىنى بەس قىلىپ، ۋەھىمىلىك تەلەپپۇزدا سۆزلىدى:
ــ ھېلىقى باغچىدا بىر ئايال ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، تېرى. سىرت شۇنداق ۋارۇڭ- چۇرۇڭ تۇرسا، ئويغىنىپ كەتمىگىنىڭىزدىن ھەيران قېلىۋاتىمەن. نەگە بارىسىز؟
ــ چىقىپ قاراپ باقاي.
ــ توختاپ تۇرۇڭ، ــ دېدى جوي، ــ مەن چاپىنىمنى كىيىۋېلىپ، سىز بىلەن بىللە چىقاي!
ــ بولدى، بالام، ھازىرلا چىقاي، ئۆزۈم يالغۇز چىقاي.
سەن شۇ ھامان چىقىپ كەتتىڭ، سىرتتىكى قاراڭغۇلۇق ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالغان قاراڭغۇلۇققا ئوخشاپ كېتەتتى، شۇ چاغدا سەن كاللاڭدىكى غەلىتە بوشلۇقنى ھېس قىلدىڭ. ھەتتا سېنىڭ كاللاڭدىمۇ ھېلىقى ۋاراڭ- چۇرۇڭلار قۇترايتتى، لېكىن ئۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭلار يەنە قۇتراپ تۇرغان زوراۋاننىڭ ۋارقىرىشىدەك بىر خىل شاۋقۇن- سۈرەنگە ئايلىنىپ كەتتى. غالجىرلاشقان بىر زوراۋاننىڭ غەزىپى ئىنتايىن قاتتىق ھەققانىي غەزەپ تۈسىنى ئالغانىدى.
ئارقىدىنلا، فورما كىيىۋالغان بىر گەۋدە يەر يۈزىدە پەيدا بولدى، ئۇ ئەدىيالغا ئورالغان بىر نەرسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاۋازىنى سەنمۇ ئاڭلىدىڭ.
ھېلىقى ساقچى قول چىراغنىڭ نۇرىنى مېنىڭ يۈرۈمگە توغرىلاپ تۇرۇپ سورىدى:
ــ سىز كىم، ئەپەندى؟
ــ ئاۋۇ ئۆلگۈر چىرىغىڭىزنىڭ نۇرىنى كۆزۈمدىن نېرى قىلىڭ.
ــ مەن سىزدىن گەپ سوراۋاتىمەن.
ــ مەن تېرى دېۋىن، باغچىنىڭ يېنىدىكى ۋىسچېستېر رايونىدا ئولتۇرىمەن.
ــ ئەمىسە قايتىپ كېتىڭ، بۇ يەردە كۆرگۈدەك ھېچنېمە يوق.
مەن ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا نەزەر تاشلىغىنىمچە بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
ــ شۇنداق، ئەلۋەتتە، ــ دېدىم.
لېكىن مەن بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرغاندا، ئۇ قاتتىق ۋارقىرىدى:
ــ توختا! ئىلگىرى مۇشۇ ئەتراپتا مەن سېنى كۆرگەنمۇ؟
ــ كۆرگەنسىز بەلكىم. دېگىنىم خاتا ئەمەس، مەن ۋىسچېستېر رايونىدا ئولتۇرىمەن.
ــ مەن سېنى كوچىدا كۆرگەنمۇ دەۋاتمايۋاتىمەن.
ــ بەلكىم سىز مېنىڭ گېزىتلەردىكى سۈرىتىمنى كۆرگەنسىز.
ــ مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟
مەن قىزىقچىلىك بىلەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈردۈم:
ــ ئىلگىرى مەن ئۇرۇش قەھرىمانى بولغان، ھېچبولمىغاندا ئۇلار شۇنداق دەيدۇ.
ــ راستمۇ؟ ھە، ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئۆيۈڭگە كەتسەڭ بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، مەن بۇرۇلۇپلا ماڭدىم، ھېلىقى بىر توپ ئالىقاناتلارنىڭ توپىنى كېسىپ ئۆتتۈم، ھەتتا بىر نەچچە مىنۇت ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاشقا ئۈلگۈردۈم.
ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەبلەخ مۇنداق دېدى:
ــ ئەلۋەتتە، ساقچىلار كونا گېپىنى تەكرارلايدۇ، ئۇلار تېخى، قاتىل جەزمەن تۇتۇلىدۇ، بىز يىپ ئۇچىغا ئىگە بولدۇق، دېگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مۇشۇنداق ئىش بولدى. مەن ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە، مۇشۇ باغچىنى كېسىپ ئۆتىمەن، قارىغاندا ئۆزۈمگە قوراللىق مۇھاپىزەتچى ياللىسام بولغىدەك.
ــ قۇرۇق گەپ قىلما، ــ دېدى ئۇنىڭ دوستى گەپ قىستۇرۇپ، ــ ھېلىقى ساقچىلار…
ــ قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ساقچىلار! ھەممىمىز چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيىشىمىز كېرەكمۇ ئەمدى؟ ئەگەر باغچىدا بىرمۇ ئادەم بولمىسا، بەلكىم ھېلىقى قاتىل تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. مەن ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ سىرتقا چېقىپ كەتكىنىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن. ھازىردىن باشلاپ، مەن يېنىمغا قورال سېلىپ سىرتقا چىقىمەن، باشقىلارمۇ جەزمەن مۇشۇنداق قىلىدۇ. بىز قۇلۇم- قوشنىلارنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھېلىقى قاتىل تۇتۇلغىچە مۇشۇ يەردە چارلاپ يۈرەيلى، مۇشۇنداق ئەھۋال قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسىمۇ توختاپ قالمايلى.
مەن ئۇ يەردىن ئىتتىكلا كېتىپ قالدىم، كۆڭلۈمدە، ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ياق! ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! ھېلىقى قاتىلنىڭ كېسىلى بار. ئۇ قاتىل بولغان تەقدىردىمۇ، سىلەر كېسەل ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولمايدۇ!» دېگۈم كەلدى.
لېكىن سەن ھېچنېمە دېمەي كېتىپ قالدىڭ، چۈنكى ھېس- تۇيغۇڭنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويساڭ بولمايتتى.
سەن ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، كاللاڭدا خىيال دولقۇنلىرى مەۋج ئۇردى، ئۇنى قامال قىلىپ تۇرغان قەپەسنى پاچاقلاپ تاشلاشقا پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشتىڭ، لېكىن سەگەك ۋاقتىڭدا، بۇ قەپەسنى زادىلا پاچاقلاپ تاشلىيالمايسەن، شۇنىڭ بىلەن، پىكرىڭنى بوغۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولىسەن.
ئىككى كۈندىن بۇيان، كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى سەگەك يۈرىۋاتىسەن، شۇنداق قىلساڭ، كۆڭلۈڭدىكى باشقا بىرىنى تىزگىنلەپ تۇرالايسەن…
جوي مېھمانخانىدا ئۆزى ئىشلىگەن جاز مۇزىكىسىنى چېلىپ ئولتۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا بەك ئامراق، بىراق برۇس تانسا مۇزىكىسغا خاس ھېسسىياتنىڭ يوشۇرۇن ئېقىنى قەلبىمدىكى زۇلمەتلىك ئوي- پىكىرلەرنى قوزغىۋېتىدۇ. مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھوجرىغا قويۇلغان دىۋاندا گرېس ئىككىمىز يانمۇ- يان ئولتۇردۇق، ئۇ بىر قولىنى بىلىكىمگە قويۇپ تۇرۇپ:
ــ تېخىچە ياتمايسىزغۇ، تېرى؟ ــ دېدى.
ــ بولمايدۇ، سۆيۈملۈكۈم. سەگەك تۇراي دەيمەن، يەنە كېلىپ، سىزگە قاراپلا ئولتۇرغۇم بار.
ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى:
ــ بۇرۇنقى ئىشلار ھېلىمۇ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ شۇ چاغلاردا بىز ھەمىشە كېچىچە ئۇخلىمايتتۇق، ئاينىڭ سۇدىكى شولىسىنى تاماشا قىلاتتۇق، بۇ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
ــ ئىككىمىز بۇرۇن ئايرىلىپ كەتمىسەك بوپتىكەن.
ــ ئامدى ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەيمىز، قەدىرلىكىم، تېرى.
ــ گرېس، كېلىڭە… ــ مەن ئۇنى سۆيدۈم، ئۇنىڭ شۇنداق يۇمران ھەم نەمخۇش لەۋلىرى مەن ئۈچۈن كاتتا سوۋغا ئىدى، ــ سىزنى سۆيىمەن، ئومىقىم. ئىشق ئوتىمىزنىڭ قايتا يېنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمدى سىزگە ھەرگىز ئازار بەرمەيمەن.
ئۇ بەدىنىنى مەندىن سەل- پەل يىراققا تارتتى:
ــ ياق… ھازىر يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قالدى. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن مۇھەببەتنى ئىپادىلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنداق بولسا، ئەپۇ قىلىش… ئۇنتۇش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ. ھازىر، مەكەممەل مۇھەببەتلىشىش تېخىمۇ ئوڭاي، ــ ئۇ بېشىنى چايقاپ، ئالتۇندەك چاچلىرىنى بوغدى، ــ ياق، مەن ئۆتمۈشكە قايتىشنى خالىمايمەن. سىز ھازىر ئىنتايىن سەمىمىي، تېرى. مەن ئۆتمۈشكە قايتىشنى ھەرگىز خالىمايمەن، چۈنكى… ئۆتمۈشتە مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالغان. ئەمدى سىزدىن يەنە ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن.
ــ ئومىقىم، سىز ماڭا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن بىردىنبىر ئايال.
ــ شۇڭا مەن سىزدىن مۇھەببەت رىشتىمنى ئەزەلدىن ئۈزۈپ باقمىغان.
سىز يەنە سۆيۈشتۇق، قۇلىقىمغا ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ بۈگۈن ئاخشام مەن بىلەن بىللە يېتىڭ، مەن ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالاي…
ــ ئۆيدە ئىنىڭىز بار تۇرسا.
ــ ئۇنىڭدىن قورۇنماڭ. ئۇ كوپا ئوركېستىرىدىكى خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سىزگىمۇ تۇيدۇرمايلا بۇ يەردىن كېتىدۇ.
ــ ھە، ئۇ كېتىدىغان بولغاندىكىن، شۇ چاغقىچە تەخىر قىلىپ تۇرايلى.
گرېس سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى، لېكىن كەينىدىنلا يەنە:
ــ ئەلۋەتتە. بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە تەخىر قىلساق ھېچنېمە بولمايدۇ، ــ دېدى.
مەن ئۇنىڭغا يەنە ئازار بېرىشنى زادىلا ئويلىمىغانىدىم. ناۋادا مەن ھېلىقىدەك ئىشنى قىلاي دېسەم، ئۇ بىر قاتىل بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇشنى راستىنلا خالامدۇ؟ مەن ئۇنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالامدىم؟
ئىشىك قوڭغۇرىقى ئۇشتۇمتۇت جىرىڭلىدى، گرېس «ئىشىكنى مەن ئاچاي» دەپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك ئاچقىلى ماڭدى.
مەن ئولتۇرغان يەردە تۇرۇپ سىرتقا چىقىدىغان ئىشىكنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئىشىك تۈۋىدىن گرېسنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ كىم؟ ــ كەينىدىنلا ئۇنىڭ ئاۋازى قوپاللاشتى، ــ ھە، سىزمىدىڭىز؟
ــ كىرسەم بولامدۇ؟ ــ دېدى سېيېر دوختۇر.
جوي ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىغاندىن كېيىن، پىئانىنو چېلىشتىن توختاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:
ــ ئاچا، كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ بىر دوستۇڭلار! ــ دېدى سېيېر جاۋاب بېرىپ.
مەن دالانغا چىقىپ، گرېسنىڭ يېنىدا تۇردۇم، شۇ چاغدا دوختۇر كۆكۈش كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. مەن ئۇنىڭدىن:
ــ نېمە قىلاي دەيسىز؟ ــ دەپ سورىدىم.
ــ مەن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقاي دەپ كەلدىم، ــ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، كەينىدىنلا گرېسكە قارىدى، ــ كۆڭلىڭىزگە كەلدىمۇ؟
ــ ياق، دوختۇر، كۆڭلۈمگە كەلمىدى، ــ دېدى گرېس تەكەللۇپ بىلەن.
دوختۇر بېشىغا شىلەپە كىيمىگەن، ئۇچىسىغا يەنىلا كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغانىدى.
ــ بۇ يەرگە كېلىدىغان يولدا ماڭغىلى بولماي، ئىلاجسىز ھېلىقى باغچا ئارقىلىق كەلدىم، ئۇ يەردە پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىن قىستىلىپ ئاران ئۆتۈۋالدىم. ساقچىلار دېلو يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ ئەتراپىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى سىزىپ قويۇپتۇ. يولدا مېنى تۆت قېتىم توسۇۋالدى، ــ دېدى دوختۇر.
ــ شۇنداق، ــ دېدى گرېس ئۇنىڭ گېپىگە قارىسىغا ئەگىشىپ، ــ يەنە تېخى نۇرغۇن… ئاۋارىچىلىق بوپتۇ.
ــ ئاۋارىچىلىقتىنمۇ بەتەر ئىش بولدى، ۋولىش خانقىز. كۆپ قېتىم قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى.
جوي مېھمانخانىدىن دالانغا چىقتى- دە، دوختۇرغا قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلدى:
ــ ئېيتىڭە، سىز بۈگۈن…
ــ بولدى، جوي، ــ گرېس ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى، ــ بۇ ياق تېرىنىڭ دوختۇرى. ئولتۇرۇڭ، سېيېر دوختۇر.
ــ مەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايمەن. بىراق، سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشاي دەيمەن.
گرېس بىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ:
ــ تېرى… جوي… كۆڭلۈڭلەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دېدى.
ــ ياق، ــ دېدى جوي مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، ــ كۆڭلىمىزگە كەلمەيدۇ، پاراڭلىشىڭلار. بىز ئاشخانىغا كىرىپ ئۇسسۇلۇق ئىچىپ تۇرايلى.
جوي بېشىنى لىڭشىتىپ ماڭا ئىشارەت قىلدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇ چىنە- قاچا ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كەلدى، گرېس ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھاراقلارنى قويۇپ قويغانىدى. مەن ئاشخانىدىكى تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.
ــ بۇ زادى نېمە ئىش، تېرى؟ ــ دەپ سورىدى جوي.
ــ سەنمۇ بىلىسەن، دوختۇر خەق دېگەن ھەمىشە باشقىلارنىڭ شەخسىي سىرلىرىنى تىڭتىڭلاپ يۈرۈيدۇ.
ــ ھە، ئاچام ئۇنىڭغا تېتىدۇ، ــ جوينىڭ كۆزلىرى توڭلاتقۇغا تىكىلدى، ــ ئۇنىڭدا جېيىك ھارىقى بارمۇ؟
ــ ھەممىنى ئىچىپ بولدۇق.
ــ سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن سىرتقا چىقىپ تېپىپ كىرەي.
جوي ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھوجرىلار ئوتتۇرىسىدىكى دالانغا يېقىن يەرگە باردىم، بۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتتا دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى.
ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى قىلىشىۋاتاتتى.
ــ بۇنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ ــ دەپ سورىدى سېيېر دوختۇر.
ــ ماڭا قاراڭ، دوختۇر، ــ دېدى گرېس، ــ ئۇنىڭ كېلىسىنىڭ قايتا قوزغالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى. ھە، ئۇ گاھى خۇشال بولسا، گاھى خۇيلىنىپ قالىدۇ، بەلكىم سەل بۇرۇختۇرما بولىدىغاندۇ، بىراق ھەممىمىز ئاشۇنداق بولۇپ قالىمىزغۇ؟
ــ مەن ئۇنى ئەيىبلىمەيۋاتىمەن، ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. مەن بۇرۇنلا سىزگە، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسە بولمايدۇ، دېگەن. مانا ئەمدى چاتاق بولدى.
ــ دوختۇر…
ــ ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئىككى ئادەم بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، ئادەتتە كۆڭلى- كۆكسى كەڭ بولىدۇ، ئۇ بىر خىل ئىجتىمائىي ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزدەك جانلىقلارنىڭ بارلىق ئەقىل- پاراسىتىنى پائال ئىپادىلەيدۇ. بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى يەنە بىر ئادەم بۇزغۇنچىلىق تۈسىنى ئالغان كۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئاۋارىچىلىق، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەم ئۇرۇشنى پەيدا قىلىدۇ… ئادەتتە ئۇنداق ئەھۋال چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مەلۇم ئەھۋالدا، بىز ئۇنىڭ بىر قىسمىنىلا تىزگىنلىيەلەيمىز. لېكىن ئۇ تىزگىنسىز قالغان ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ناھايىتى چېچەن، ماھىر ھەم جان ئالىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. قاراڭ، مەن تېرىنىڭ قاباھەتلىك ئۆزگىرىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرگەن… شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ، تېخىمۇ قاباھەتلىك ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغان. مانا بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى باشقا ئادەمدۇر، ئۇ تېرىنىڭ چاۋشيەن جەڭگاھلىرىدا زوراۋانلىق بىلەن قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئوردېنغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولغان. دەل ھېلىقى يەنە بىر ھېيلىگەر ئادەم ئۇنى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بىزمۇ ئۇنى يەنە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلساق دەيمەن.
ــ شۇنداق قىلالايمىز، دوختۇر. تېرى مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان… ئايرىلىپ قېلىشنى مەڭگۈ خالىمايدىغان بىردىنبىر ئادەم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن.
ــ شۇنداق بولغاي ئىلاھىم، شۇنداق بولغاي. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى سىزدە. سىز بىزنىڭ تېخىمۇ يارقىن نامايەندىمىز، تەنتەكلىك بىلەن بۇ گەپنى دېگىنىمنى ئەپۇ قىلىڭ. ئەمدى… مەن قايتاي…
جوي بىر بوتۇلكا كانادا ھارىقىنى كۆتۈرۈپ ئارقا ئىشىكتىن كىردى-دە:
ــ بولدى، ئىككىمىز قانغۇچە ئىچەيلى، ــ دېدى.
مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا:
ــ بولدىلا، رەھمەت، جوي، ــ دېدىم.
ــ نېمىگە قاراۋاتىسىز، تېرى؟ مېنى ئەنسىرىتىپ قويدىڭىز…
ــ مەن بىر ئىشنى ئىسپاتلىمىسام بولمايدۇ، بالام.
مەن شۇنداق دەپلا، ئۇدۇل ئارقا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئۇ ھوشيارلىق بىلەن ماڭا ئىتتىك نەزەر تاشلىدى:
ــ تېرى، نەگە بارىسىز؟
ــ ھازىر كەچ بولدى، قاراڭغۇ چۈشىدىغان ۋاقىت كەلدى.
ــ نېمە دەۋاتىسىز؟
ــ ئەگەر مەندىن بىرەر چاتاق چىقىدىغان ئىش بولسا، بۈگۈن ئاخشاملا چىققىنى ياخشى… مەن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي، ئاۋۇ باغچىغا چىقىپ باقاي.
ــ ساراڭمۇ سىز؟ سىرتتىكى ھېلىقى ساراڭلار بىلەن بىللە بولامسىز؟ قەھرىمان بولۇشنى ئويلايدىغان ھېلىقى ساقچىلار بىلەن بىللە بولامسىز؟ راستىنلا ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ، تېرى؟
ــ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالاي، بالام.
جوي يەنە بىر ھوجرىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ ۋارقىرىدى:
ــ ياق، سىرتقا چىقسىڭىز بولمايدۇ… ئاچام…
جوينىڭ گېپى تۈگىمەستىلا ، مەن «جاققىدە» قىلىپ كەينىمدىكى ئىشىكنى يېپىۋەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن، سەن سىرتقا چىقتىڭ، سىرتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ساپ ئىدىكى، كاللاڭدىكى ھېلىقى شىددەتلىك زەربىدىن پەيدا بولغان ئاغرىق ئازابى ساڭا ئانچە قاتتىق تۇيۇلمىدى. نېمىشقىكىنتاڭ، سەن باغچىدىكى تاش توساقلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە، كۆزۈڭ بىردىنلا تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، قۇلىقىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئاۋازدىكى تىۋىش- شەپىنىمۇ ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە سەگەكلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاللاڭدىكى ھېلىقى ئاغرىق ئازابىمۇ بىراقلا غايىپ بولۇپ، سەن تامامەن باشقا بىر ئادەمگە، ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىڭ.
سەن ئۆزۈڭنى ئاجايىپ گەۋدىلىك، كۈچلۈك، ئەسەبىي قىزغىنلىققا تولغاندەك سەزدىڭ. قەھىر- غەزىپىڭ قايناپ تاشتى، كىشىلەرنىڭ خالىي يەرگە يوشۇرۇنۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىڭ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ كۆزۈڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. توساتتىن كاللاڭ پارە- پارە بولۇپ كەتكەندەك بولدى، سەن تامدىن سەكرەپ ئۆتتۈڭ-دە، باغچىدىكى چاتقاللار ئارىسىدا نىشانسىز ھالدا دەلدەڭشىگىنىڭچە ئالدىڭغا قاراپ ماڭدىڭ.
كەينىدىنلا چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غەرق بولدۇڭ، ھەتتا زەئىپ ئاۋازدا گرېسنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدىڭ…
قاتتىق چېلىنغان پۇشتەك ئاۋازى قاراڭغۇلۇقنى پارە- پارە قىلىۋەتتى، سېنىڭ يېنىڭدا ساقچىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت پۇشتەك چالغانلىقىنى پەرۋەردىگار ئۆزى بىلىدۇ… قۇلىقىڭغا تۈرلۈك ئاۋازلار ئاڭلاندى…
ــ يەنە بىر ئادەم ئۆلدى. ئىككى مىنۇت ئىلگىرى مەن بۇ يەردىن ئۆتكەن، ئۇ يىراققا كېتەلمىدى. مۇشۇ ئەتراپنى ئاختۇرۇڭلار، چاپسان بولۇڭلار!
ساقچىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك پۇشتەك ئاۋازى يەنە جاراڭلىدى، كىشىلەر چاتقاللىق ئىچىدە ئۇيان- بۇيانغا موكىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى… سەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندىڭ. ئۇلارنىڭ كىمنى تۇتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدىڭ.
سەن شۇھامان قارىغۇلارچە يۈگۈرگىنىڭچە قاچىدىغان پۇرسەت ئىزدىدىڭ. ۋاھالەنكى، ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ قالدى، ئاياغ ئىزىڭنى كۆرۈپ قالدى. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى يولۇڭنى توسۇۋالدى.
ئۇ پۇشتەك چالغۇچە ياكى تاپانچىسىنى تەڭلىگىچە، مەن ئىككى مۇشتۇمنى چىڭ تۈگۈپ، ھېچنېمنى سەزمىگەن ھالدا ئۇنى مۇشتلاپ كەتتىم، ھەش- پەش دېگۈچە ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى قانغا بويىلىپ، كۆك فورما كىيىۋالغان گەۋدىسى خۇددى مال قاچىلانغان تاغار يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كەينىدىن چۈشۈپ قالغاندەك «گۈپپىدە» قىلىپ يىقىلدى.
شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنىڭ تاپانچىسىغا ئىگە بولدۇم. قولۇمدا ئۇنىڭ تاپانچىسى بار! ئەمدى ئۇلارغا ئاسانلا تۇتۇلۇپ قالمايمەن…
يولغا يېتىپ بېرىشىمغا يىگىرمە فۇتتەك ئارىلىق قالدى. مەن ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم، كەينىدىنلا يەنە توساتتىن توختاپ قالدىم، دېمىم سىقىلىپ ھاسىراپ كەتتىم، ئۆيگە قايتىدىغان يولنى ساقچىلار ياغاچ توساق بىلەن توسۇۋالغانىدى. مېنىڭ سۆيۈملۈك قوشنىلىرىم باغچىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلاپ كەتكەنىدى، ئۇلار ئىككى- ئۈچتىن بولۇشۇپ ئۇيان- بۇيانغا مېڭىپ يۈرۈشەتتى، بەزىلەر كەينى- كەينىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتكەن قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ، پات- پات قالايمىقان ئوق چىقىرىپ قوياتتى… ئۇلار مېنى ئىزدەۋاتاتتى. لېكىن مەن ئاۋۇ تەرەپتىكى بىناغا بېرىپ، ئۆگزىگە يامىشىپ چىقىۋالىدىغان بولسام…
مەن يۈگۈرگەندە چىقىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىم ساقچىلارنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك پۇشتەك ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەلمىدى.
ــ ئۇ ئاۋۇ يەرگە قېچىپ كەتتى! قاراڭلار… ئۇ مېنىڭ تاپانچامنى تارتىۋالدى!
ــ ئەنە ئاۋۇ چىراغنىڭ ئاستىدا… ئاۋۇ تامنىڭ يېنىدا…
ئۇلار مېنى كۆرۈپ قېلىپ، ماڭا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.
ــ ئۇنى ئاۋۇ ئامبارلارنىڭ سىرتىدا توسۇۋېلىڭلار!
ئەتراپتا ئادەم قالماي، قېچىش پۇرسىتى كەلگەن چاغدا، كۆك فورما كىيىۋالغان بىر گەۋدە ھېلىقى كۆلەڭگىلەر ئىچىدىن چىقىپ كەلدى، سەن شۇھامان تاپانچىنى تەڭلەپ، ئۇنىڭ ئىڭىكىنىڭ ئاستىغا قارىتىپ ئوق ئاتتىڭ، ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭلا ئۇ يەرگە يىقىلدى.
سەن ئىچىگە كىرمىدىڭ ــ بەلكىم ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ساقچىلار باردۇ.
شۇنىڭ بىلەن، سەن ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈڭ، بوش يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى بىنانىڭ ساقچىلار يوق تەرىپىگە قاراپ ئېتىلدىڭ، سەن مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئويلىنىشىڭنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق ئىدى، چۈنكى كىرىش ئېغىزىدىكى قاراڭغۇ جايغا كىرىپ بولغانىدىڭ، بۇ بىنانىڭ يەككە- يىگانە بىنا ئىكەنلىكىنى، ئەتراپىنىڭ چەكسىز بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالغان ۋاقتىڭدا، كېچىكىپ قالغانلىقىڭنى ھېس قىلدىڭ… قاچىدىغان يولۇڭمۇ قالمىغانىدى.
ــ ئۇ ئىچىدە!
ــ ئۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ھەممە ئىشىكنى قامال قىلىڭلار. ساقچى ئەمەلدارى بىر نەچچەيلەننى باشلاپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتسۇن. ۋورىنغا ئېيتقىن، ئۇ زوراۋانلىققا قارشى شۆبە ئەترەتكە تېلېفون بەرسۇن.
ــ ئۇ كىم؟ ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
ــ ئۇنى ھېچكىم ئېنىق كۆرەلمىدى. ناۋادا بۇ تاشلاندۇق بىنانى بىرەر سەرگەردان پاناھ جاي قىلىۋالمىغان بولسىلا، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئادەم ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۇنىڭ ئىچىدە كىم بولسۇن، بىز تۇتىدىغان ئادەم دەل شۇ. ئۇ زوراۋاننى قاتتىق تىزگىنلەڭلار! ئۇ ئەمدى بىزنىڭ ئالىقىنىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!… يۈرۈڭلار، ئالدىدىكى ئەگمە ئىشىككە بېرىپ باقايلى.
سەن ئىشىك بار- يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن كەينىڭگە قارىدىڭ، دەرۋەقە كەينىڭدە يېپىلمىغان بىر ئىشىك تۇراتتى. سەن ئىشىكتىن كىرىپ كەتتىڭ، پەلەمپەينىڭ ئىزنالىرى بېشىڭنىڭ ئۈستىدىكى قاراڭغۇلۇقتا غايىپ بولدى، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭ. سەن پەلەمپەيدىن چىقىپ، چەكسىز قاراڭغۇلۇققا غەرق بولدۇڭ…
شۇنداق قىلىپ، مەن ھېلىقى سەۋرچان زوراۋانلار بىلەن بىر يەردە تۇردۇم، ئۇلار مېنى جىمجىت ساقلاپ تۇرماقتا. ئاز دېگەندە بىر ساقچى قەھرىمان بولۇشنى ئويلايدۇ، دۇرۇس، قەھرىمان بولۇشنى ئويلايدۇ . ھايال ئۆتمەيلا، ھېلىقى قەھرىمان بولۇشنى ئويلىغان ساقچى چىقىپ كەلدى.
گرېس، ناۋادا مەن سىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرەلىسەم… ئۆلۈشتىن بۇرۇن، سىزنى بىرلا قېتىم كۆرىۋالسام بولاتتى. لېكىن سىزنى كۆرەلمەيمەن، ئۇزۇنغا بارمايدىغان مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە سىزنى ئەسلەشتىن باشقا ئىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.
قۇلىقىمغا ئادەم ماڭغاندا چىقىدىغان «غىچ- غىچ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مەن شۇھامان بىرەيلەننىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدىم.
ھازىر بۇ ئۆيدە يەنە بىر ئادەم مەن بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ ھېچقانداق شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا شەپە چىقىرىپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ گەۋدىسنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كۆزى تېخى مېنىڭ كۆزۈمدەك قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىپ كېتەلمىگەنىدى. ئۇ بىر بۇلۇڭدا ئۆرە تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭغا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ بۇيرۇق قىلدىم:
ــ تاپانچاڭنى تاشلا، ھاراملىق!
مەن ئۇنىڭ قولىدىكى تاپانچىنىڭ «تاراققىدە» قىلىپ يەرگە چۈشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىنلا ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ:
ــ تېرى… مەن… جوي، ــ دېدى.
ــ جوي؟
ــ مەن سىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى كەلدىم. قاراڭ، مەن كىچىك چاغلىرىمدا، مۇشۇ بىنانىڭ ئەتراپىدا ئوينايتتىم. بۇ يەردە تېخى قامال قىلىنمىغان بىر چىقىش ئېغىزى بار، ئۇ بۇرۇن كۆمۈر چۈشۈرىدىغان يەر ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە پەلەمپەي بار، بىز قېچىپ چىقىپ كېتەلەيمىز، تېرى. مەن سىزنى ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن.
ــ ساراڭ بوپسەن، بالام، چاپسان بۇ ياققا كەل. بىنانىڭ ئاستىدىكى ئاۋۇ زوراۋانلار كىمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەيدۇ! ئۇلارغا كېرىكى بىر ئادەمنىڭ جەسىتى…
سەن ئۆزۈڭنى زادىلا بېسىۋالالمىدىڭ، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ تونۇردەك قىزىق دوزاخقا مەھكۇم بولغاندىن بۇيان، قانلىرىڭ تومۇرلىرىڭدا تېخى ھازىرقىدەك بۇنداق شىددەت بىلەن ئېقىپ باقمىغانىدى.
ــ تېرى؟
ــ… قارا، بالام.
ــ نېمە؟
ــ ناۋادا مەن سېنى ئۆلتۈرىۋەتسەم… ئۇلار سېنىڭ جەسىتىڭنى تېپىۋالسا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار تۇتماقچى بولغان قاتىل ئۆلسە، ئۇلار بۇ يەرنى يەنە ئاختۇرۇپ يۈرمەيدۇ، جوي.
ــ تېرى… ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، تېرى.
ــ سەن نېمىشقا تاپانچا كۆتۈرۈۋالدىڭ، جوي؟
ــ خىيالىڭىزدا مەن بۇنىڭ بىلەن سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمەنمۇ؟ ئەخمەقلىق قىلماڭ. ئەگەر شۇنداق قىلىش نىيىتىم بولسا، ئاۋۇ زوراۋانلارغا ياكى ساقچىلارغا سىزنى تۇتۇپ بەرسەم بولىدىغۇ! مەن بۇ تاپانچىنى مېنىڭ ئىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋالغان، ــ مەن قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ يالتىراپ دومىلاپ چۈشىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئېنىق كۆردۈم، ــ مەن سىزنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىڭىز بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەيمەن، ھەرگىز ھېسابلاشمايمەن. تېرى، ئاچام بۇ دۇنيادا ئېرىشىشنى ئويلىغان بىردىنبىر ئادەم سىز، مەن بىر توپ ئۆلگۈر زوراۋانلارنىڭ ياكى ئاۋۇ ساقچىلارنىڭ سىزنى تۇتۇۋېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن!
ــ سەن ئۇلارنى توسۇپ قالالايمەن دەپ ئويلامسەن؟
ــ ئاۋۋال سىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتەي. يۈرۈڭ، تېرى، بۇ جىن تەگكەن يەردىن چىقىپ كېتەيلى!
ــ ياق، بولمايدۇ. ئۇلار قاراپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە ئاختۇرۇپ يۈرۈشىنى خالىمايمەن، ئۇلار ئۆزلىرى تۇتماقچى بولغان قاتىلنى تېپىۋالسۇن، جوي. بىنانىڭ ئاستىدىكى ساقچىلار قەھرىمان بولماقچى، مەن ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بىر- ئىككى ساقچى جەزمەن قەھرىمان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنى قەھرىمان قىلىپ قوياي.
ــ نېمە دەۋاتىسىز؟
ــ ئاۋۇ دېرىزىنىڭ يېنىغا بارغىن، بالام. ئۇ يەردە تۇرساڭ، ئۇلار سېنى كۆرۈپ، ساڭا قارىتىپ ئوق ئاتىدۇ. ئۇلار قاتىلنى تۇتىۋالسۇن. ئاندىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ كېتەي. قانداق قېچىپ كېتىشنى ئەمدى بىلدىم، رەھمەت ساڭا.
ــ تېرى… ئۇنداق قىلماڭ…
ــ بارغىن، جوي، تېز بارغىن. شۇنداق قىلساڭ گرېس ماڭا ئېرىشەلەيدۇ. سەن بۇنىڭدىن خۇشال بولغىن.
ھېلىقى دېرىزىگە قول چىراغنىڭ نۇرى چۈشۈپ، ئۇيان- بۇيان يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھايال ئۆتمەي بۇ يەردە ھېچقانداق نەرسىنىڭ كۆلەڭگىسى قالمايدۇ.
ــ دېرىزىنىڭ يېنىغا بارغىن، بالام.
جوي قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
ــ مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلغىن، بالام.
ــ ياق، تېرى… بۇنداق قىلماڭ…
ھەش- پەش دېگۈچە مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ كەتتى، بۇ ئاۋاز خۇددى قاراڭغۇلۇقتا بوجاڭزا ئېتىلغاندەك ئاڭلاندى.
مەن ئۇيان- بۇيان تىپىرلاشقا باشلىدىم، لېكىن ھېلىقى قەھرىمان ساقچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇ تۈگۈلگىنىچە ئۆزىنى پەلەمپەينىڭ دالدىسىغا ئالدى.
سەن ئۇلارنى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىدى دەپ ئويلىدىڭ، ھېلىقى نۇر بارا- بارا غۇۋالاشتى، لېكىن باشقا قول چىراغنىڭ نۇرى جوينىڭ گەۋدىسىنى يۇرۇتتى، بۇ چاغدا، ئۇ ئۆمىلەپ چىقىۋاتاتتى، قول چىراغنىڭ خىرە نۇرى ئۇنىڭ چىرايىغا توغرىلاندى، ئۇنىڭ چىرايىغا!
بۇ چىراي رەھىمسىزلىككە، ۋەسۋەسىگە تولغان… بىر ساراڭنىڭ چىرايى ئىدى…
ئۆلگۈر، ئۇ قاتىل مەن ئەمەس، جوي!
پەلەمپەي ئارىلىرىدا مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ تۇرماقتا، جوي پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى بارا- بارا پەسلەپ كەتتى. ھېلىقى قەھرىمان ساقچى ماڭا ئىككىنچى پاي ئوقنى تەگكۈزدۈم دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ خاتالاشتى، بىراق ئۇنىڭ ئاتقىنى ئوق يېيىشكە تېگىشلىك ھېلىقى ئەبلەخ ئىدى.
مەن ئۆلەر ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم، جويمۇ شۇنداق. ئوق تىتىۋەتكەن گۆش ۋە سۆڭەك پارچىلىرى پەلەمپەي ئاستىغا چۈشتى… ۋاھالەنكى، قاتىل يەنىلا يوقاپ كەتتى.
ئۇ قاتىلنىڭ ئىسمى گرېس ئىدى.
سۆيۈملۈك گرېس، ئاجايىپ ئېسىل گرېس، ئەدەب- ئەخلاقلىق گرېس… ئۇ دوختۇرخانىدىكىلەر ساراڭ دەپ قارىغان ئادەمنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەنىدى. ھېيلە- مىكىرلىك گرېس، ئۇ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەن ئەبلەخنىڭ قاتىل دېگەن جىنايەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا مۇھتاج. چۈنكى ھەقىقىي قاتىل ئۇنىڭ ئىنىسى.
مېنى ھېلىقى قەھرىمان ساقچى ئۆلتۈرمىدى، بەلكى گرېس ئۆلتۈردى. ئۆزىنىڭ ئامراق ئىنىسىنى، جاز مۇزىكىسى ئىجاد قىلىدىغان بىر ئادەمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈردى.
ئۇ مۇھەببەت ئارقىلىق مېنى لايىھىلەپ چىققان، مۇھەببەت ھەتتا ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەمنى غالجىرانە ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن، مەن گرېسنى ئۆلگىچە ياخشى كۆرىمەن، بۇ، ھېلىقى دوختۇرنىڭ گېپىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
مەن ساراڭ بولۇپ قالدىم.
① تولۇق ئىسمى جورج گېرشۋىن (1898——1937)، ئۇ ئامېرىكىلىق مۇزىكانت بولۇپ، مودا مۇزىكىلارنى ئىشلەش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن پىئانىنو تەڭكەش قىلىنىدىغان «برۇس راپسودىيىسى» ۋە «پوكى بىلەن بېس» ناملىق ئوپېراسى بار. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ياز» ناملىق مۇزىكا ئۇنىڭ مەشھۇر پىئانىنو مۇزىكىسىدۇر.
② باربى رۇس ــ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كەسپىي كالتەك توپ ماھىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 1895- يىلى ئامېرىكىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا ئويۇنخور ھەم مىجەزى ناچار بولغاچقا، دائىم مەكتەپكە بارماي ھاراق ئىچىپ، باشقۇرۇشقا زادىلا بويسۇنمىغان، دادىسى ئۇنى ئىلاجسىز كاتولىك دىنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن زور بۇرۇلۇش بولغان.
ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەر تەرجىماننىڭ رۇخسىتى بىلەن << jasarattash >> سالونىدىن ئېلىنغان .
本篇文章来源于微信公众号 : Tun Guli