ئالفرېد نوبېل ۋەسىيەتنامىسىنىڭ پۈتۈن تېكىستى

ئالفرېد نوبېل ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان.2018-يىلى، نوبېل فوند جەمئىيتى كەڭ

خەلق ئاممىسىنىڭ ئالفرېد نوبېلنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇسىنىڭ replica panerai نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئاسانراق چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن، ۋەسىيەتنامىنىڭ replica panerai watches يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئىلان قىلغان. بىز ئېنگىلىزچە ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى تەرجىمىسىگە ئاساسەن، ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى replica breitling watches رەتلەپ چىقتۇق.






ئالفرېد نوبېل ۋەسىيەتنامىسىنىڭ پۈتۈن تېكىستى



نۇرى تەرجىمىسى



مەن (يەنى ئاستىدا ئىمزا قويغۇچى)، ئالفرېدبېرىنخارد نوبېل،ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈش ئارقىلىق، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان مال بىساتىم ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ۋەسىيەت قىلدىم:
جىيەنلىرىمدىن ژالمار ۋە لۇدۋېلگ نوبېللار، يەنى ئاكام روبېرد نوبېلنىڭ ئوغۇللىرى، ھەرقايسىسى 200مىڭ كورۇناغا ئېرىشىدۇ.
جىيەنىم ئېممانېۋول نوبېل 300مىڭ كورۇنا، جىيەن قىزىم مىنا نوبېل 100مىڭ كورۇناغا ئېرىشدۇ.
ئاكام روبېرد نوبېلنىڭ قىزلىرىدىن ئىنگېبورگ بىلەن تايرا ئايرىم-ئايرىم 100مىڭ كورۇناغا ئېرىشىدۇ.
بىراند خانىمنىڭ پارىژدىكى فىلورېنتىن كوچىسى 10-نومۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق ئولگا بوتتگېر خانقىز 100مىڭ فرانكقا ئېرىشىدۇ.
ۋيېنا ئەنگلو-ئوستېررېچىسچې بانكىسىدىكى سوفىيە كاپىيفون كاپىيۋار خانقىز يىلىغا مۇشۇ بانكىدىن 6000 فلورىن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، بۇ پۇلنى مۇشۇ بانكا بىرىدۇ.چۈنكى، مەن ئاللىبۇرۇن مەزكۇر بانكىدىن 150مىڭ فلورىنلىق ۋېنگىرىيە ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زويوم (قەرز چېكى) ئېلىپ قويغان.
ستوكھولمنىڭ تۇرېگاتان كوچىسى 26-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق ئالارىك لىېدبەك ئەپەندى 100مىڭ كورۇناغا ئىرىشىدۇ.
پارىژنىڭ ژىيودى لۇبەيك كوچىسى 32-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق ئېلىسا ئانتون يىلىغا 2500 فرانك ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇنىڭدىن سىرىت، ئۇ يەنە 48000 فرانكقا ئېرىشىدۇ، بۇ پۇللارنى ۋاقتىنچە مەن ساقلاپ بىرىمەن.
ئامرىكا تېكساس شىتاتى ۋوتېرفورد شەھرىدىكى ئالفرېد ھامموند ئەپەندى 10مىڭ دوللارغا ئېرىشىدۇ.
بېرلىن پوتۇستامېر كوچىسى 51-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق ئېمى ۋىنكېلمان بىلەن مارىيا ۋىنكېلمان خانقىزلار ئايرىم-ئايرىم 50مىڭ ماركقا ئېرىشىدۇ.
فرانسىيە نىمېس ۋېيادۇكىس كوچىسى 2-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق گاۋچېر خانىم 100مىڭ فرانكقا ئېرىشىدۇ.
سان رېمودىكى تەجىربىخانامدا ماڭا ياللانما خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋگۇستې ئوسۋارد ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئالفونسې تۇرناند ئىككەيلەن يىلىغا ئايرىم-ئايرىم 1000فىرانك ئالىدۇ.
فرانسىيە ساۋنسور لاۋرېنت 5-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق يۈسۈف گىراردوت مېنىڭ ئىلگىرىكى ياللانما ئىشچام ئىدى، ئۇ يىلىغا 500 فىرانك ئېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ مېنىڭ بۇرۇنقى باغۋەنرىم ژان لېكوف ھازىر فىرانسىيەنىڭ ئېكوۋدىنكى باجگىر دېسوت خانىمنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇ يىلىغا 300 فرانك ئالىدۇ.
پارىژ كامپىياڭنې كوچىسى 2-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇشلۇق گېيورىگې فېخرىنباخ ئەپەندى 1896-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 1899-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، يىلىغا 5000 فرانك پىنسىيە مائاشى ئالىدۇ.
جىيەنلىرىم ژالما،لۇدۋىگ،ئىنگبورگ ۋە تايرا، ھەربىرىنىڭ 20مىڭ كورۇنا ئامانەت پۇلى مېنىڭدە ساقلىنىغلىق، ھۆججەتلىرى تولۇق، بۇ پۇللار ئۇلارغا قايتۇرىلىدۇ.
بارلىق ئېشىپ قالغان ئۆزگىرىشچان مۈلۈكۈم تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن تەقسىملەنسە بولىدۇ: ۋەسىيتىمنى ئىجرا قىلغۇچى بارلىق كاپىتالغا (مەبلەغ) بىخەتەر بولغان ئاكسىيە سېتىۋېلىپ، فوندى جەمئىيەت تەسىس قىلسۇن، سېتىۋالغان ئاكسىيەلەرنىڭ ئۆسىمى مۇكاپات سۈپىتىدە ھەر يىلى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئاشۇ كىشىلەرگە بىرىلسۇن. ئۆسۈم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆۋەندىكىدەك بەش بۆلەككە تەقسىملەپ تارقىتىپ بىرىلسە بولىدۇ: بىر ئۈلۈشى فىزىكا ساھەسىدە مۇھىم بايقاشقا ئېرىشكەن ياكى مۇھىم بىر نەرسە ئىجاد قىلغۇچىغا بىرىلگەي؛ بىر ئۈلۈشى خىمىيە ساھەسىدە مۇھىم بىر بايقاشقا ئېرىشكەن ياكى خىمىيە نەزىرىيەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان كىشىگە بىرىلسۇن؛ بىر ئۈلۈشى فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ساھەسىدە زور بايقاشقا ئېرىشكەن كىشىگە بىرىلسۇن؛ بىر ئۈلۈشى ئەدەبىيات ساھەسىدە غايىچىلىك پۇرىقىغا ئىگە كاتتا ئەسەر يازغان يازغۇچىغا بىرىلسۇن؛ بىر ئۈلۈشى ھەر قايسى ئەللەر ئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرگەن، دائىمىي ئارمىيەنى بىكار قىلغان ياكى قىسقارتقان، تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولغان ياكى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان ياكى تىرىشقا كىشىگە بىرىلسۇن؛ فىزىكا ۋە خىمىيە مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسى تارقاتسۇن؛ فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى ستوكھولم كارولىنسكا تەتقىقات ئورنى تارقاتسۇن؛ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكھولم ئاكادىمىيسى تارقاتسۇن؛ تېنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيە پارلامېنتى تاللاپ چىققان بەش كىشلىك ھەيئەت تارقاتسۇن.مېنىڭ ئارزۇيۇم ناھايىتى ئېنىقكى، مۇكاپات تارقىتىلغاندا (مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ) دۆلەت تەۋەلىكى ئويلىشىلمىسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر (ئەسكەرتىش: ئەسلى تېكىستتە سكاندىناۋىيىلىكلەر بولىشىدىن قەتئىينەزەر دەپ ئېلىنغان، چۈشىنىشلىك بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقارقىدەك ئالدۇق) قىممىتى بار ئاشۇ كىشىلەرگە بىرىلسۇن.
مەن بوفورستىكى ۋارملەندتە تۇرۇشلۇق راگنار سولمان ئەپەندىنى، ھەمدە ستوكھولم مالمسكىلنادسگاتان(Malmskillnadsgatan دۆلەت تىلىدا مەنان تەرجىمىسى بويىچە 分水岭، يەنى دۆمبەل، سۇ بۆلۈش چوقىسى دەپ ئالغان بولۇپ، بىز ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىشنى لايىق تاپتۇق) كوچىسى 31-قورو ۋە ئۇددىۋالاغا يېقىن جايدىكى بېڭتسفورستا تۇرۇشلۇق رۇدولف لىجىكۈۋىست ئەپەندىنى مېنىڭ ۋەسىيتىمنى ئىجرا قىلىشقا تەيىنلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويىشى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ ھەققى ئۈچۈن، راگنار سولمان ئەپەندى 100كورۇناغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ كىشى مۇشۇ ئىش ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشى مۇمكىن.رۇدولف لىجىكۈۋىست ئەپەندى 50مىڭ كورۇناغا ئېرىشىدۇ.
مېنىڭ