سۆيگۈنىڭ قىياپىتى | ئويلاندۇرغۇدەك ھېكايە

سۆيگۈنىڭ قىياپىتى


پادىشاھ تۆۋەن تەبىقىدىن بولغان سەبرىنا ئىسىملىق بىر قىزچاقنى ياخشى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۇنى خانىشى قىلدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، پادىشاھ ئوۋغا چىقىپ كەتتى، دەل شۇ پەيىتتە سەبرىنا ئانىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئەسلى ھەرقانداق بىر كىشى پادىشاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ شەخسىي ئات ھارۋىسىنى ئىشلىتەلمەيتتى، ئەمما سەبرىنا كارى بولماستىن مەپىنى ئىشلىتىپ ئانىسىنى يوقلىغىلى باردى. شاھ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى-دە شۇنداق دېدى: «نېمە دېگەن گۈزەل، مانا بۇ ھەقىقىي ۋاپادارلىق ئەمەسمۇ؟! ئۇ ئانىسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسىدىنمۇ قورقماي ئات ھارىۋىسىنى ئىشلىتىپتۇ.»يەنە بىر كۈنى. سەبرىنا ئوردا بېغىدا مېۋە يەپ ئولتۇراتتى، شۇ ئارلىقتا پادىشاھ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. سەبرىنا شاھ بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، سېۋەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى شاپتۇلنى ئېلىپ بىرنى چىشلىدى.— «تەملىك شاپتۇلدەك قىلىدۇغۇ» دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا، سەبرىنا جاۋابەن «شۇنداقكەن» دېگىنىچە ئۆزى چىشلەپ قويغان شاپتۇلنى پادىشاھقا سۇندى.«ھەي، ئۇ مېنى نەقەدەر چوڭقۇر سۆيىدۇ-ھە» دېدى پادىشاھ، «ئۇ ئەڭ ئاخىرقى شاپتۇلنىمۇ ئۆزى يىيىشتىن ۋاز كېچىپ ماڭا سۇندى، بۇ مۇھەببەت بولماي نېمە؟!».يىللار ئۆتتى، نېمىشقىكىن پادىشاھنىڭ سەبرىناغا بولغان سۆيگۈ ۋە قىزغىنلىقى سۇسلاپ كەتتى. ئۇ يېقىن دوستىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ شۇنداق دېدى: «ئۇ (سەبرىنا) نىڭ يۈرۈش-تۈرۈشى ئەزەلدىن بىر خانىشقا خاس بولۇپ باقمىدى، قاچانلا قارىسا بۇيرۇققا بويسۇنماي، ئات ھارىۋامنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىدۇ! تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىنى: ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ بىر قېتىم تېخى چىشلەپ قويغان مېۋىنى ماڭا بەرگەن ئىدى».پاكىت (ئەمەلىيەت) ھېچقانداق ئۆزگەرمىدى، بۇرۇن قانداق بولسا ھېلىھەم شۇنداق. بۇ ھېكايىدىكىدەك، ئادەم مەلۇم ئىشنى بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرەلىگىنىدەك يەنە پۈتۈنلەي ئەكىسىچىمۇ چۈشەندۈرەلەيدۇ.دانىشمەن بالدىۋىن شۇنداق ئەسكەرتكەن: «ئۆز كۆزىشىتىڭىزدە چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇڭ!»