
جاسارەت تاش
سەن — قەلبىم تەختىدە مەڭگۈلۈك خاقان؛سەن — روھىم تۈنىدە پارلىغان قەمەر؛سەن — چەكسىز سۆيگۈمگە ئۆمۈرلۈك ماكان؛سەن — كۆڭلۈم بېغىنى يورۇتقان سەھەر.
مەن — ئىشقىي جىلغاڭدا ئاققان زور ئېقىن؛مەن — سۆيگۈ تىلىگەن ساھىل-قەلەندەر؛مەن — ۋەسلىڭ كويىدا چېقىلغان چېقىن؛مەن — ئىخلاس ئوتىغا مەھكۇم سەمەندەر.
سەن — ئوتلۇق قەلبىمگە ئويۇلغان مۆھۈر؛سەن — چەكسىز ھەيۋەتلىك-تىك روھىي تېغىم؛سەن — مېنىڭ جىسمىمدا ماغدۇر بىر ئۆمۈر؛سەن — قىش-ياز خازاندىن خالى گۈل بېغىم.
مەن — مېھرىڭ سۈيىگە تەشنا بىر گىياھ؛مەن — ئاشىق قەلبىدىن ئاڭلانغان خىتاب؛مەن — ساڭا مەڭگۈلۈك تاشلانغان نىگاھ؛مەن — سۆيگۈ قىسسەسى سۆزلەنگەن كىتاب.
سەن — كۆڭلۈم تۆرىدە تەڭداشسىز سەنەم؛سەن — ئىقبال يولۇمدا ئەڭ نۇرلۇق ماياك؛سەن — تۇنجى سۆيگۈمنى خار قىلغان ئەلەم؛سەن — ماڭا كۈچ-ئىلھام بەرگۈچى چاۋاك.
مەن — ئىزدەپ ۋەسلىڭنى يېڭىلگەن تۇتقۇن؛مەن — مېھىر-ۋاپادىن تۆرەلگەن ھەسرەت؛مەن — دەردمەن كۆزىدىن چاقنىغان ئۇچقۇن؛مەن — چوڭقۇر سۆيگۈدىن چاچرىغان نەپرەت.
سەن — ئۈمىد بېغىمنىڭ سولماس لالىسى؛سەن — مېنىڭ كىرىشىم چەكلەنگەن قەسىر؛سەن — مەندەك ئاشىقنىڭ يۈرەك پارىسى؛سەن — قۇتقا تۇتۇلغان شادىمان ئەسىر.
مەن — نۇرلۇق كۆزۈڭگە تەلمۈرگەن بالا؛مەن — ئارزۇ-ئارماندا يانغان ئوت-يالقۇن؛مەن — بۇلبۇل ياڭراتقان ھەسرەتلىك ناۋا؛مەن — چەكسىز دېڭىزدا پەسەيمەس دولقۇن.
سەن — دىلغا ئورناشقان ئەڭ شېرىن ئازاب؛سەن — سۆيگۈ جېڭىدە يېڭىلمەس سەردار؛سەن — دولقۇن باغرىنى يارغۇچى كاراپ؛سەن — نامرات ئىشقىمنى بېيىتقان زەردار.
مەن — گۈلگە ئىنتىلىپ سايرىغان بۇلبۇل؛مەن — چۆلدە سۇسىراپ سارغايغان چىنار؛مەن — كۆزلەپ ۋەسلىڭنى چاپقان شاش دۇلدۇل؛مەن — ۋىسال مېھرىڭسىز ساقايماس بىمار.
سەن — يىراق ئۇپۇقتىن چېچىلغان زىيا،مەن — سۆيگۈ چۆلىگە كۆمۈلگەن جەسەت.سەن — قۇشلار ئۇچۇپمۇ چىقالماس قىيا،مەن — چوڭقۇر ئويمانغا كولانغان لەھەت!