

سالۇنى
فۇشقى
ئېش

ــMusicــ
ناخشىنى ئاڭلاڭ ياقتۇرۇپ قالىسىز
听音乐
***
بەخىتنىڭ ئۆلچىمىنى بىلەمسىز
قەلەمدە-ئالىيە ساباھ
ھازىرغا قەدەر ياشىدۇق
ئۆز ئۆزىمىزگە كۆرمىگەننى كۆردۈم دىدۇق
، ھاياتنىڭ ماڭا بىرىدىغان ئازارى ئەمدى تۇگىگەندۇ؟ مەندىن ئىلىپ كىتىدىغانلىرىنىمۇ ئىلىپ كېتىپ بولدى، ئەمدى بەخىتلىك بولىمەن دىگەندە
ئۇنىڭدىن ئىغىر كۇنلەر ھىچ سەۋەپسىز بىشىمىزغا كەلگەندە
نەچچە مەرتە تۇرغان يىرىمىزدە قاتقاندا
بەلكى بۇ چۈشۈمدۇ ئويغانسام ئەسلىگە كىلىدۇ دەپ ئويلىدۇق
ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس بۇچۇش بولماي چىقتى
يىغلاپ باقتۇق، قاقشاپ باقتۇق، يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلۇپ ھەتتا نەپەس ئىلىشمۇ بارا-بارا قىيىنلىشىۋاتقاندەك ئەتراپ شۇنچە سوغۇق بىلىنىۋاتقان شۇ دەملەردە ئەجىبا ھەممە كېشى گۈزەل دىيشىدىغان بۇ دۇنيادا مىنىڭمۇ بەخىتلىك بولۇشقا ھەققىم يوقمۇ ؟خاتىرجەم بىر كۇننى ئۆتكۇزىشىم پەقەتلا مۇمكىىن ئەمەسمۇ ؟ دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە پىچىرلاپ كۈندىزى ساختا كۈلۈپ كىچىلىرى خانىمىزدە ھىلىھەم سوقۇشقا ھالى قاممىغان لىكىن چوقۇم سوقۇشى مەجبۇر بولىۋاتقان يۆرىكىمىزنىڭ نالە پەريادىغا ئامالسىز قالدۇق
ئىنسان كىچىكىپ بىلگۇچىدۇر بەخىتنى تۇرمۇشنى ئاددىغىنىسى بۇ گۈزەل ھاياتنى ….شۇنداق دىدىلەر……؟
تاكى بىر كۈنى بىز چۆچۈپ ئويغاندۇقكى سەھەردىكى قۇياشنى… بولكىۋاينىڭ ھارۋىسى ئالدىدىكى ئۆچىرەت تۇرۇپ ئۆيلىرىگەئىسسىق بولكا ئېلىشقا تەمشەلگەن مىھىرلىك ئىنسانلارنى كۆردۇقكى سورالغىنىدا جۇل جۇل بوۋايدىن نىمە ئۈچۈن قاتارنى بۇزىسەن ؟ ئايالىم تاماق ئىتىپ ساقلاپ قالغان سوۋۇپ قالمىسۇن دىدىم
دىيىلگىنىدىن شۈررىدە ئېرىگەن قەلبىمىزنىڭ بىھۇدە زارلاشلىرىمىزغا خىجالەت بولىۋاتقىننى سەزدۇق
يىقىلغان يىرىمىزدىن دەس تۇرۇپ يەنە ھاياتقا كۈلۈپ قارىيالىساق ئەلۋەتتە قارا بۇلۇتلار مەڭگۈلۈك ئەمەس دىيەلىدۇق
ئاسماننىڭ ئەسلى رەڭگى كۆك ھەممىمىزنىڭ بەخىتلىك بولۇش پۇرسىتىمىز بار دىيەلىدۇق
ئەنە شۇ بەخىت بەلكىم مىھرىبان ئايالىڭىز ئەتكەن بىر قاچا تاماقتا
ياخشى كۆرگەن ئادىمىزدىن كەلگەن «قىلىنراق كىيىنىڭ سىرىت سوغۇق»دىگەن پىر پارچە ئۇچۇردا
دادا دادا ماڭا نىمە ئىلىپ كەلدىڭ دەپ باغرىڭىزغا ئۆزىنى ئاتقان پەرزەنتىڭىزدە… قىسقىسى مىھىر بىلەن باققان بىر تەبەسسۇمدا
ئەنە شۇنى ھىس قىلالىغاندىن باشلاپ
بىز بەخىتلىك بولۇشقا باشلىدۇق ….
♥️
♡
خەيرلىك كەچ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ♥️
قىنى كېلىڭ بۇيەردىن ئۈزىمىزگە تەسەللىي ئىزدەيلى
بۇ جاي ئاشىقلار جەمگاھى

خەيىرلىك كەچ
سىز خەيىرلىك كەچ دېمىگۈچە ئۇيقۇسى
♥قەلبى گۈزەل كىشىلەرنى ئىستەيمىز خالاس
|ئىلان چىكىڭ|زەيكەننى بېسىڭ|تارقىتىڭ|
! مانا بۇ بىزنى ئەڭ ياخشى قوللىغىنىڭىز، قوللاش ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
بەلكىم بۇ ھىجرانلىق يولدا يالغۇزسىز
ئەمما كېچىلىرىڭىزگە مەن ھەمراھ
❤️
本篇文章来源于微信公众号 : Exfuxki