ئاددى سۆزلەر

ئاددى سۆزلەر
بىرىنچى، ئەگەر سىز بىراۋ بىلەن بولغان كىشىلىك ئالاقىڭىزنى كۈچەيتمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىسمىنى ياكى نامىنى ئاتاپ پاراڭلىشىشقا ئادەتلىنىڭ ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىڭ . ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزمەكچى بولسىڭىز ، ئۇنى چاقىردىغان مۇناسىۋەت ئاتالغۇسىنىڭ نامىنى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىپ قويۇڭ ، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىڭ.
ئىككىنچى، قولدىن كەلمەيدىغان ئىشنى پۈتكۈزمەكچى بولۇش _ ئوچۇمىغا سۇنى ئېلىپ ، دۇنيانىڭ ئۇ چىتىگە بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئاجىزلىقىغا تەن بېرىش دېگەنلىك _ يېڭى قەدەم بىلەن يېڭى ھاياتنى كۈتىۋېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ، مۇھەببەت بابىدا ئۈن – تۈنسىز بېغىشلاشتىن باشقا يەنە بىر خىل تاللاش بار ، ئۇ بولسىمۇ ۋاز كېچىش.
ئۈچىنچى، ئالىيجاناپلىق ياخشى كىشىلەرنى ئامالسىزلىقتىن تىلنىڭ ئۇچىدا تەرىپلەپ قويۇپ ، ئەسكى كىشىلەرنى ئۆزىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كىشىلەرگە سېلىشتۇردىغان زۈرۈرىيەتتىن ئىبارەت .
تۆتىنچى ، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامال _ ئامالسىز قالغانلىقىنى ھېس قىلغان شۇ چاغدىكى رېئاللىقتۇر.
بەشىنچى ، باشقىلارنى زېرىكتۈرۈش دېگەنلىك ئۆزىنىڭ كونا ئۇسۇلى بۇيىچە يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىپ ، ئۇلارنى جان – جەھلى بىلەن جەلپ قىلماقچى بولۇشتۇر .
ئالتىنچى ، روھى كۈچلىنىش دېگەنلىك ئازاپ- ئوقۇبەتتىن قېچىش ياكى ئۇنى ئىچىگە يۇتۇپ ، كىشىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن بېقىش دېگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنى ئازاپلىغان شۇ ئىشقا يۈزلىنىپ ، ئۇنى قۇبۇل قىلالايدىغان ۋە ئەينەن ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش دېگەنلىكتۇر .
يەتتىنچى ، مەلۇم بىر ئادەم دۇنيا ، ھەقىقەت ، ئالاھىدىلىك دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ، كۆپچىلىك چوقۇملا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئۇنۇتقان ھالدا ، ئۇنى دۇنيا ، ھەقىقەت ، ئالاھىدىلىك دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.
سەككىزىنچى ، مەنپەت ، ئىستەك ۋە ئازاپ – ئوقۇبەت ئالدىدا ئادەملەرنىڭ ئورتاق كەچمىشى ۋە كەلگۈسى بار .
توققۇزىنچى ، قاراڭغۇدا قەيەرگىلا قارىسىڭىز قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەر باردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن ، لېكىن تاڭ ئاتقاندا ئۇلار قۇياش نۇرى تەرپىدىن ناھايتى ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ . ئادەملەردىكى ئەڭ كۈچلۈك ئازاپ- ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى قورقۇشتىن ئىبارەت . ئۇ يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن كېلىۋاتقان ۋەھىمە ئارقىلىق ئادەملەرنى قىينايدۇ ،ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قورقۇنۇچمۇ تۈگەيدۇ . قورقۇنچ ئەنە ئاشۇ قاراڭغۇدىكى ئەرزىمەيدىغان بىھۇدىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ئونىنچى ، ھەر نېمىدىن ئايرىلىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما قەلبىڭىزدىكى مۇھەببەتنىڭ ، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئۇرۇقىدىن ئايرىلىپ قالماڭ ، ھاياتنى سۆيۈشتىن ۋاز كەچمەڭ . ئۇنى ئۆزىڭىزسىز ھېچكىم سىزدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ .
پېنىسىللىن

本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli