ۋەسۋەسە

ۋەسۋەسە

(ھېكايە)

بىلگەئاي

كېچە سائەت سەككىزدىمۇ بۇ يول گويا يېرىم كېچە سائەت ئۈچ بولغاندەك كۆرۈنەتتى، بىرەر ماكانسىز ئىت ياكى مۈشۈك بۇ يولدىن ئۆتۈپمۇ قويمايتتى. مەن مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مۇشۇنداق يولدا كېتىۋاتاتتىم. ئۆزۈم چىمەن تاغدا، كۆڭلۈم تاڭسىڭدا دېگەندەك، گەرچە مەن بۇ زېرىكەرلىك يولدا كېتىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن ئوي- خىيالىم باشقا يەردە ئىدى. ئوي – خىيال دېگەن ئوي – خىيال، ئۇ ئادەمدىن كۆپ كۈچلۈك، مۇكەممەل، ئىلاستىكىلىق بولىدۇ.
مەن توساتتىن بىر قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم، پەيلىرى ئاق، يۇمىران قۇشقا. مەن ياپيېشىل گىياھلارنى، جۇش ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريالارنى، دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە تۇتىشىدىغان يوللارنى، ئادەملەرنىڭ ھەسەت ۋە زىدىيەتكە تولغان خاھىشىدىن بەرپا بولغان ئەخلاق- پەزىلەتنى، شەخسىي مەنپەت تەرپىدىن ئايرىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى، توغرا- خاتانى، چەكلىك دۇنيا قاراش بىلەن تۇرغۇزۇلغان ھەرخىل نەزىرىيەنى، مېڭىدىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مەۋھۇم ئادەم، مەۋھۇم ئىشلار، مەۋھۇم دۇنيانى، ئادەملەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن تاللاشنى، ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشنى، قۇبۇل قىلىش- قىلالماسلىقلارنى، ئەقىل- ئىدراك، تىل، پەرەزلەردىن پەيدا بولغان ئالدىنىشلارنى، قىينىلىشلارنى،  بىھۇدىلىكلەرنى،  سەبى،  گۈزەل،  مېھىرسىز قالغان غېرىپ چېھىرلەرنى يەردە قالدۇرۇپ، كۆكنىڭ باغرىدا ئەركىن – ئازادە، يەڭگىل پەرۋاز قىلدىم، دېڭىز- ئوكيانلارنى كېسىپ ئۆتتۈم، خالىغان يەرگە قوندۇم، خالىغان يەردىن ئۇچۇپ بىردەمدىلا ناھايتى يىراق يەنە بىر جايغا بېرىپ قالدىم. قۇياشنىڭ تەپتىدە گويا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئالتۇن رەڭلىك دەريادەك كۆرۈنىۋاتقان بۇلۇتلار بىلەن ياندىشىپ ماڭدىم، مەن ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغانلىقىنى ئەزەلدىن بىلمەيتتىم، مانا ھازىر ئۇلار بىلەن پاراڭلاشماقتىمەن:
-ئەي قۇش، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش كۆكنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە ئەبەدىي ماكان تۇتۇپ، كەڭرىلىك ۋە يەڭگىلىك ئىزدەپ كەلدىڭمۇ؟-ياق، مەن پەقەت پەرۋاز قىلىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كەلدىم.
شۇ ئەسنادا مەن ساقلاۋاتقان ماشىنا سېگىنال بەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يولدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ، سەپىرىمنى باشلىدىم. ماشىنىدا شوپۇرنى قوشمىغاندا بىر ئەر، ئىككى ئايال بار ئىدى. بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە – ئوتتۇز سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان قارا رەڭلىك كالتە ئىشتان، ئۈستىگە سۇس يېشىل رەڭلىك تاسمىلىق مايكا كىيىۋاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال كۆزىگە ھەممىلا يىرى بىنەپشە رەڭلىك كۆزئەينەك تاقاپ بېشىنى كەينىگە تاشلاپ يېتىپتۇ، قارىماققا ئۇ ئۇخلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
-ماڭدىڭىزمۇ؟-ھەئە،ھازىر ماڭدىم.
ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ بولۇپ،يولغا قاراپ ئولتۇردۇم. لېكىن، قانداقتۇر بىر خىل تەسىۋىرلەپ بەرگۈسىز يۇچۇن ھال مېنى ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھازىرچە ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ، بىراق بۇنىڭ مېنى ساقلاۋاتقان ئادەم ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىش ئەمەسلىكى ئېنىق ئىدى.
-ئاداش، تاماكاڭنى ئالە، بىرەر تالدىن چېكەيلى.-ھە ماقۇل.
بۇ ئىككى ئايال توم، ئىسى ئاچچىق تاماكىنى بىر تالدىن پۈۋلەپ ئولتۇراتتى، ئۇلارغا قوشۇلۇپ شوپۇرمۇ بىر تال چەكتى. ئۇ ئىككى ئايالدىن بىرى تاماكا چېكىۋېتىپ، ماڭا ئەندىشە ۋە مەلۇم خىل ھەيۋە ئارلاشقان ئۆتۈنۈش نەزىرىدە قارىدى. مەن يەنىلا يولغا قارىدىم، ئاندىن كۆزۈمنى يۇمۇپ بىردەم ئۇخلۇدۇم.
-گۈزەللەر، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىڭلار، ئالدىمىزدا تەكشۈرۈش بار.
بىز ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن تاسمىنى بىردەمدىلا تاقاپ بولدۇق. شۇ ئەسنادا مەن يېنىمدىكى ئايالغا قارىدىم، ئۇ قول بېغىشىدىن باشلاپ مۈرىسىگىچە چەكتۈرۋاپتۇ. قارىماققا ئۇلار ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇلاردىكى كۆرەڭلىك، قوپاللىق، ھاياتى كۈچكە تولۇپ تۇرغان گۈزەللىك، ساددىلىق ئۇلارنىڭ تاشقى ھالىتىنى قايرىۋېتىپ ئۆزىنى چۈشەندۈرۋاتاتتى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ ئىككىيلەن مېنىڭ باللىقتىكى ساۋاقدېشىم ئايجامالدىن كۆپ ئەخلاقلىق ھېساپلىناتتى.
ئايجامال كۆزىگە يېقىننى كۆرۈش كۆزئەينىكى تاقايتتى، چېچىنى ئىككى ئۆرۈپ، چاقماق كوپتا، چاقماق كۆينەك كىيىپ يۈرەتتى، يەنى كېلىپ كۆينىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇشۇقىدىن قىسقىراپ كەتمەيتتى، كىيمىنىڭ تۈگمىسىنى دائىم كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىدەك ياقىسىغىچە تولۇق ئېتىۋالاتتى، ھەمدە تۇغۇلغان كۈن، ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا بۇنداق چاقماق كىيىمنىڭ ياقىسىغا قارا، ئاق ياكى قىزىل رەڭلىك گالىستۇك تاقايتتى، چۈنكى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا پىئونېر بولالمىغان ئىدى. يول ماڭغاندا ئوغۇللار بىلەن بىر قىزىل چىراق ئارلق قالدۇرۇپ ماڭاتتى، تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارانلا بەش ئوغۇل ساۋاقداش بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى، بىز دائىم ئۇنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن ئۇغۇل دوستىدىن بۇ ئەھۋاللارنى بىلەتتۇق. ئۇ شۇقەدەر ئەخلاقلىق ئىدىكى، تويىغا بىر ھەپتە قالغاندا قوشنىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ھۇجىرىسىنى بىر قانچە كۈن قونالغۇ قىلغانىدى، تويدىن كېيىنمۇ داشۆدىكى ھىندىستانلىق مۇھەببىتىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەندىن پۇل سورىغانىدى،ئۇ يەنە ئۇزاق ئۆتمەي ئايالى بار مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنى يېرىم كېچىدە ئىزدەۋېرىپ، بىر ئائىلىنى نابۇت قىلغىلى ئارانلا قالغانىدى، بۇلارنى بەلكىم ئۇنىڭ ھازىرقى ئۈچىنچى ئېرى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەخلاق دېگەننى گەپ- سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. لېكىن ئادەملەرنىڭ بۇنداق قىلمىقى بەكلا مۈشكۈل ئىش…
شوپۇر ئاخىرى ناخشا قويدى، مېڭەمدە يالت- يۇلت قىپلا باياتىنقى ۋەسۋەسە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئادەمدەك قىلاتتى، ئۆز-ئۆزۈمنى ئىنكار قىلىپ، خيالىمنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەندە خىيالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇم. ناخشا قويۇلۇۋاتاتتى، مەن يەنىلا كۆزۈمنى يۇمۇپ خىيال سۈرۈۋاتاتتىم. بىر ھازادىن كېيىن، تاشقى دۇنياغا بولغان ئىنكاسچانلىقىم ساقلىنىپ قالغان ھالەتتە ناھايتى قىسقا چۈش كۆردۈم.
چۈشۈمدە ئىككى ئايال بىر- بىرىگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىرى قارا – ئاق ئارلاشقان كۆينەك كېيىۋاپتۇ، يەنە بىر ئايال سۇس كۆك رەڭلىك كۆينەك كېيىۋاپتۇ، ئۇلار ناھايتى تېز سۈرئەتتە قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، يەنى بىر – بىرىگە ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئوغۇرلۇقچە قاراۋاتتى . بوينۇم ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن يەنە ئويغۇنۇپ كەتتىم. بۇ پەقەتلا بىر چۈش خالاس.
-كەلدۇق، مۇشۇ يەر شۇ.-ھە، ھەجەپ تېز يىتىپ كەپتىمىزغۇ؟-سىز ئۇخلاپ قالغاچقا شۇنداق بىلىنىپ قاپتۇ.
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ياقتۇرمايمەن……لېكىن شوپۇر ھەدەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغان باياتىنقى ئىككى ئايالنى تىللاۋاتاتتى:
-تازىمۇ ئەخلاقسىز بىر نېمىلەركەن، تېخى بىلىكىگە چەكتۈرۋاپتۇ.
شۇ چاغدا مەن بۇ شوپۇرغا: باياتىن ھەجەپ بىللە تاماكا چېكىپ، پەيزى قىلىۋاتاتتىڭىز، ئەمدى ئۇلار يوق يەردە ئۇلارنى تىللاۋاتىسىزغۇ؟- دېيىشنى ئويلۇدۇم. ئەمما، بۇنداق ئادەملەر بىلەن دەتالاش قىلىش ئۆزىنى خورىتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ھېچنېمە دېمەستىن شوپۇر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈپ كونا جايدا ئۇنى ساقلىدىم. ئۇنىڭ يېرىم سائەت كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ بىر بوتولكا ساپ ئۈزۈم ھارىقى ئىچتىم، ئىنچىكە،ئوزۇن شاكىلات تەملىك تاماكىدىن ئىككىنى چەكتىم. خىيالىمغا تۇيدۇرمايلا كەلگەن ۋەسۋەسە مەست بولۇش ئالدىدىكى مېنى بىردىنلا سەگەكلەشتۈرۋەتتى. ئىختىيارسىز بېشىمنى سىلكىدىم:
-ياق ياق، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ھازىرلا باشقا بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىسام، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن.
لېكىن، ۋەسۋەسە تېخى يوقالمىدى،چۈنكى ئۇنى مېنىڭ بىر تۇنۇش دوستۇم پەيدا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ كۈلگەن ئىللىق چىرايى، چاقچاقلىرى، مېنى تىرىكتۈرۈشلىرى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى . ياق، بۇنداق بولسا بولمايدۇ. بۇ خاتا، خاتا بولمىسا خاتادىن ئازراق توغرا، توغرا بولمىسا توغرىدىن ئازراق خاتا. ئۇنى ئويلىماسلىقىم كېرەك.
تازلىق ئۆيىگە ئاران دېگەندە باردىم، بەلكىم كۆزۈم خىرەلىشىپ خاتا كۆرگەندىمەن، ئاياللار ھاجەتخانىسىدىن بىر ئەر بىلەن بىر ئايال چىقىپ كېتىۋاتاتتى. يېنىپ چىققاندا قارىغۇدەك بولسام، بۇ يەردىكى ئەرلەر ھاجەتخانىسىنىڭ ئىشىكىگە ئىشلىتىش توختىدى، دېگەن خەت چاپلانغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ھازا كۈلۈپ، ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇردۇم.
-مەن كەلدىم، سىز قانچىنچى ئايرىمخانىدا؟- بەشىنچى ئايرىمخانىدا.-ھە بولىدۇ، ھازىر كىرەي.
سەھەر، ھاۋا سالقىن، ئادەملەر يەنىلا جىددى تۇرمۇش رېتىمى بىلەن بىھۇدىلىكنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېلېفۇننىڭ ئاۋازىنى ئىتىۋەتكەنلىكىمدىن، توققۇز قېتىملىق تېلېفۇن، بەش پارچە ئۇچۇرنى بىلمەپتىمەن. بەش پارچە ئۇچۇرنىڭ ئۈچى ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىدى:
بىرىنچى ئۇچۇر: سىز بارمۇ؟ئىككىنچى ئۇچۇر: نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ئۈچىنچى ئۇچۇر: گەپ قىلىڭە؟
يول بۇيىدىكى دەرەخلەرنى تاماشا قىلىپ خېلى ئۇزاق ماڭدىم. نېمىشقىدۇر يېقىملىق بىر خىل تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمغا يامراشقا باشلىدى، چۈنكى مەن ئالدىنقى ئاي كېچىدە ئۇچراشقان بىرىنى، يەنى مېنىڭ جىمجىتلىقىمنى بۇزۇپ ۋەسۋەسە پەيدا قىلغان بىرىنى يەنە ئويلاشقا باشلىدىم. شۇ ئەسنادا مەن ئويلاۋاتقان شۇ ئادەمدىن ئۇچۇر كەلدى:
-ياخشىمۇسىز؟ كەچتە ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈشەيلىمۇ؟-ماقۇل.

2023-يىل 29-ئاۋغۇست،ئاقسۇ

本篇文章来源于微信公众号 : Qvx Gvli